< زەكەرىيا 11 >

ئى لىۋان، ئوت سېنىڭ كېدىر دەرەخلىرىڭنى يەپ كېتىشى ئۈچۈن، دەرۋازىلىرىڭنى ئاچ! 1
Open your doors, Lebanon, that the fire may devour your cedars.
ۋايساڭلار، ئى قارىغايلار، چۈنكى كېدىر يىقىلدى، ئېسىل دەرەخلەر ۋەيران قىلىندى؛ ۋايساڭلار، ئى باشاندىكى دۇب دەرەخلىرى، چۈنكى باراقسان ئورمان يىقىتىلدى! 2
Wail, cypress tree, for the cedar has fallen, because the stately ones are destroyed. Wail, you oaks of Bashan, for the strong forest has come down.
پادىچىلارنىڭ ۋايسىغان ئاۋازىنى ئاڭلا! چۈنكى ئۇلارنىڭ شەرىپى [بولغان چىمەن-يايلاق] ۋەيران قىلىندى؛ ئارسلانلارنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازىنى ئاڭلا! چۈنكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ پەخرى بولغان [بۈك-باراقسانلىقى] ۋەيران قىلىندى. 3
A voice of the wailing of the shepherds! For their glory is destroyed—a voice of the roaring of young lions! For the pride of the Jordan is ruined.
پەرۋەردىگار خۇدايىم مۇنداق دەيدۇ: ــ بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن پادىنى باققىن! 4
The LORD my God says: “Feed the flock of slaughter.
ئۇلارنى سېتىۋالغانلار ئۇلارنى بوغۇزلىۋەتكەندە ھېچ گۇناھكار دەپ قارالمايدۇ؛ ئۇلارنى سېتىۋەتكەنلەر: «پەرۋەردىگارغا شۈكرى! چۈنكى بېيىپ كەتتىم!» ــ دەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆز پادىچىلىرى ئۇلارغا ئىچىنى ھېچ ئاغرىتمايدۇ. 5
Their buyers slaughter them and go unpunished. Those who sell them say, ‘Blessed be the LORD, for I am rich;’ and their own shepherds don’t pity them.
چۈنكى مەن زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارغا يەنە ئىچىمنى ھېچ ئاغرىتمايمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ۋە مانا، مەن ئادەملەرنى، ھەربىرىنى ئۆز يېقىنىنىڭ قولىغا ۋە ئۆز پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ مانا، بۇلار زېمىننى خاراب قىلىدۇ، مەن ئۇلارنى بۇلارنىڭ قولىدىن ھېچ قۇتقۇزمايمەن. 6
For I will no more pity the inhabitants of the land,” says the LORD; “but, behold, I will deliver every one of the men into his neighbour’s hand and into the hand of his king. They will strike the land, and out of their hand I will not deliver them.”
شۇڭا مەن «بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن پادا»نى بېقىپ تۇردۇم، بولۇپمۇ پادىنىڭ ئارىسىدىكى مىسكىن مۆمىنلەرنى باقتىم. مەن ئۆزۈمگە ئىككى تاياقنى ئالدىم؛ بىرىنچىسىنى «شاپائەت»، ئىككىنچىسىنى «رىشتە» دەپ ئاتىدىم؛ شۇنىڭ بىلەن مەن پادىنى باقتىم. 7
So I fed the flock to be slaughtered, especially the oppressed of the flock. I took for myself two staffs. The one I called “Favour” and the other I called “Union”, and I fed the flock.
شۇنىڭدەك مەن بىر ئاي ئىچىدە ئۈچ پادىچىنى ھالاك قىلدىم؛ مېنىڭ جېنىم بۇ [خەلقتىن] بىزار بولدى ۋە ئۇلارنىڭ جېنى مېنى ئۆچ كۆردى. 8
I cut off the three shepherds in one month; for my soul was weary of them, and their soul also loathed me.
مەن: «مەن سىلەرنى باقمايمەن؛ ئۆلەي دەپ قالغانلىرى ئۆلۈپ كەتسۇن؛ ھالاك بولاي دەپ قالغانلىرى ھالاك بولسۇن؛ تىرىك قالغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنىڭ گۆشىنى يېسۇن» ــ دېدىم. 9
Then I said, “I will not feed you. That which dies, let it die; and that which is to be cut off, let it be cut off; and let those who are left eat each other’s flesh.”
مەن «شاپائەت» دېگەن تايىقىمنى ئېلىپ سۇندۇرىۋەتتىم، شۇنىڭدەك مېنىڭ بارلىق ئەللەر بىلەن بولغان ئەھدەمنى سۇندۇرۇۋەتتىم. 10
I took my staff Favour and cut it apart, that I might break my covenant that I had made with all the peoples.
ئەھدە شۇ كۈنى بىكار قىلىۋېتىلدى؛ شۇڭا پادا ئارىسىدىكى ماڭا دىققەت قىلغان مىسكىن مۆمىنلەر بۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. 11
It was broken in that day; and thus the poor of the flock that listened to me knew that it was the LORD’s word.
ۋە مەن ئۇلارغا: «مۇۋاپىق كۆرسەڭلار، مېنىڭ ئىش ھەققىمنى بېرىڭلار؛ بولمىسا بولدى قىلىڭلار» ــ دېدىم. شۇڭا ئۇلار مېنىڭ ئىش ھەققىمگە ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى تارازىغا سالدى. 12
I said to them, “If you think it best, give me my wages; and if not, keep them.” So they weighed for my wages thirty pieces of silver.
ۋە پەرۋەردىگار ماڭا: «مانا بۇ ئۇلار ماڭا بېكىتكەن قالتىس باھا! ئۇنى ساپالچىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەر!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىپ بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، ساپالچىنىڭ ئالدىغا چۆرىۋەتتىم. 13
The LORD said to me, “Throw it to the potter—the handsome price that I was valued at by them!” I took the thirty pieces of silver and threw them to the potter in the LORD’s house.
ئاندىن مەن يەھۇدا بىلەن ئىسرائىلنىڭ قېرىنداشلىقىنى ئۈزۈش ئۈچۈن، ئىككىنچى تايىقىمنى، يەنى «رىشتە»نى سۇندۇرۇۋەتتىم. 14
Then I cut apart my other staff, Union, that I might break the brotherhood between Judah and Israel.
ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن ئەمدى يەنە ئەرزىمەس پادىچىنىڭ قوراللىرىنى ئال. 15
The LORD said to me, “Take for yourself yet again the equipment of a foolish shepherd.
چۈنكى مانا، مەن زېمىندا بىر پادىچىنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەنكى، ئۇ ھالاك بولاي دېگەنلەردىن خەۋەر ئالمايدۇ، تېنەپ كەتكەنلەرنى ئىزدىمەيدۇ، يارىلانغانلارنى ساقايتمايدۇ، ساغلاملارنىمۇ باقمايدۇ؛ ئۇ بەلكى سەمرىگەنلەرنىڭ گۆشىنى يەيدۇ، ھەتتا تۇياقلىرىنى يىرىپ يەيدۇ. 16
For, behold, I will raise up a shepherd in the land who will not visit those who are cut off, neither will seek those who are scattered, nor heal that which is broken, nor feed that which is sound; but he will eat the meat of the fat sheep, and will tear their hoofs in pieces.
پادىنى تاشلىۋەتكەن ئەرزىمەس پادىچىنىڭ ھالىغا ۋاي! قىلىچ ئۇنىڭ بىلىكى ۋە ئوڭ كۆزىگە چۈشىدۇ؛ ئۇنىڭ بىلىكى پۈتۈنلەي يىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئوڭ كۆزى پۈتۈنلەي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ. 17
Woe to the worthless shepherd who leaves the flock! The sword will strike his arm and his right eye. His arm will be completely withered, and his right eye will be totally blinded!”

< زەكەرىيا 11 >