< زەكەرىيا 10 >

پەرۋەردىگاردىن «كېيىنكى يامغۇر» پەسلىدە يامغۇرنى تەلەپ قىلىڭلار؛ پەرۋەردىگار چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ، ئۇلارغا مول يامغۇرلارنى، شۇنىڭدەك ھەربىرىگە ئېتىزدا ئوت-چۆپلەرنى بېرىدۇ. 1
שאלו מיהוה מטר בעת מלקוש יהוה עשה חזיזים ומטר גשם יתן להם לאיש עשב בשדה׃
چۈنكى «ئۆي بۇتلىرى» بىمەنە گەپلەرنى ئېيتقان، پالچىلار يالغان «ئالامەت»لەرنى كۆرگەن، تۇتۇرۇقسىز چۈشلەرنى سۆزلىگەن؛ ئۇلار قۇرۇق تەسەللى بېرىدۇ. شۇڭا خەلق قوي پادىسىدەك تېنەپ كەتتى؛ ئۇلار پادىچىسى بولمىغاچقا، ئازار يېمەكتە. 2
כי התרפים דברו און והקוסמים חזו שקר וחלמות השוא ידברו הבל ינחמון על כן נסעו כמו צאן יענו כי אין רעה׃
مېنىڭ غەزىپىم پادىچىلارغا قوزغالدى؛ مەن مۇشۇ «تېكە» [يېتەكچىلەرنى] جازالايمەن؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز پادىسىدىن، يەنى يەھۇدا جەمەتىدىن خەۋەر ئېلىشقا كەلدى؛ ئۇ جەڭدە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك ئېتىدەك قىلىدۇ. 3
על הרעים חרה אפי ועל העתודים אפקוד כי פקד יהוה צבאות את עדרו את בית יהודה ושם אותם כסוס הודו במלחמה׃
ئۇنىڭدىن [يەنى يەھۇدادىن] «بۇرجەك تېشى»، ئۇنىڭدىن «قوزۇق»، ئۇنىڭدىن «جەڭ ئوقياسى»، ئۇنىڭدىن «ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى» چىقىدۇ. 4
ממנו פנה ממנו יתד ממנו קשת מלחמה ממנו יצא כל נוגש יחדו׃
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جەڭدە، [دۈشمەنلەرنى] كوچىلاردىكى پاتقاقنى دەسسىگەندەك چەيلەيدىغان پالۋانلاردەك بولىدۇ؛ ئۇلار جەڭ قىلىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىللىدۇر؛ ئۇلار ئاتلىق ئەسكەرلەرنىمۇ يەرگە قارىتىپ قويىدۇ. 5
והיו כגברים בוסים בטיט חוצות במלחמה ונלחמו כי יהוה עמם והבישו רכבי סוסים׃
مەن يەھۇدا جەمەتىنى كۈچەيتىمەن، يۈسۈپنىڭ جەمەتىنى قۇتقۇزىمەن؛ مەن ئۇلارنى قايتىدىن ئولتۇراقلىشىشقا قايتۇرىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەتنى كۆرسىتىمەن. ئۇلار مەن ھېچقاچان تاشلىۋەتمىگەندەك بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارمەن؛ مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن. 6
וגברתי את בית יהודה ואת בית יוסף אושיע והושבותים כי רחמתים והיו כאשר לא זנחתים כי אני יהוה אלהיהם ואענם׃
ئەفرائىمدىكىلەر پالۋاندەك بولىدۇ، كۆڭۈللىرى شاراب كەيپىنى سۈرگەنلەردەك خۇشاللىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بالىلىرى بۇنى كۆرۈپ خۇشاللىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ كۆڭلى پەرۋەردىگاردىن شادلىنىدۇ. 7
והיו כגבור אפרים ושמח לבם כמו יין ובניהם יראו ושמחו יגל לבם ביהוה׃
مەن ئۈشقىرتىپ، ئۇلارنى يىغىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىمەن؛ ئۇلار ئىلگىرى كۆپىيىپ كەتكەندەك كۆپىيىدۇ. 8
אשרקה להם ואקבצם כי פדיתים ורבו כמו רבו׃
مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىدا ئۇرۇقتەك چاچىمەن؛ ئاندىن ئۇلار مېنى يىراق جايلاردا ئەسلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بالىلىرى بىلەن ھايات قېلىپ، قايتىپ كېلىدۇ. 9
ואזרעם בעמים ובמרחקים יזכרוני וחיו את בניהם ושבו׃
مەن ئۇلارنى قايتىدىن مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ كېلىمەن، ئاسۇرىيەدىنمۇ چىقىرىپ يىغىمەن؛ ئۇلارنى گىلېئاد ۋە لىۋان زېمىنىغا ئېلىپ كىرگۈزىمەن؛ يەر-زېمىن ئۇلارنى پاتقۇزالماي قالىدۇ. 10
והשיבותים מארץ מצרים ומאשור אקבצם ואל ארץ גלעד ולבנון אביאם ולא ימצא להם׃
شۇنداق قىلىپ، ئۇ جەبىر-جاپا دېڭىزىدىن ئۆتۈپ، دېڭىزدىكى دولقۇنلارنى ئۇرىدۇ؛ نىل دەرياسىنىڭ تەگلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ؛ ئاسۇرىيەنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە پەخرى پەس قىلىنىدۇ، مىسىردىكى شاھانە ھاسىمۇ يوقىلىدۇ. 11
ועבר בים צרה והכה בים גלים והבישו כל מצולות יאר והורד גאון אשור ושבט מצרים יסור׃
مەن ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئارقىلىق كۈچەيتىمەن؛ ئۇلار ئۇنىڭ نامىدا ماڭىدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار. 12
וגברתים ביהוה ובשמו יתהלכו נאם יהוה׃

< زەكەرىيا 10 >