< زەكەرىيا 1 >

دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى سەككىزىنچى ئايدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىددونىڭ نەۋرىسى، بەرەكىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيا پەيغەمبەرگە كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 1
ــ «پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردىن ئىنتايىن قاتتىق غەزەپلەندى. 2
شۇڭا سەن ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ «مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا قايتىپ كېلىمەن» دەيدۇ»، ــ دېگىن. 3
ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردەك بولماڭلار؛ چۈنكى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ رەزىل يوللىرىڭلاردىن، رەزىل قىلمىشلىرىڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىڭلار، دېگەن»، ــ دەپ جاكارلىغان. بىراق ئۇلار ماڭا قۇلاق سالمىغان، بويسۇنمىغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 4
ــ سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ھازىر قېنى؟ پەيغەمبەرلەر بولسا، مەڭگۈ ياشامدۇ؟ 5
لېكىن مېنىڭ پەيغەمبەرلەرگە بۇيرۇغان سۆزلىرىم ۋە بەلگىلىمىلىرىم، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ بېشىغىمۇ چۈشكەن ئەمەسمىدى؟». شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولىدىن يېنىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار يوللىرىمىز ۋە قىلمىشلىرىمىز بويىچە بىزنى قانداق قىلىمەن دېسە، شۇنداق قىلدى، ــ دېگەن. 6
دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئون بىرىنچى ئاي، يەنى «شېبات ئېيى»نىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ كالامى ئىددونىڭ نەۋرىسى، بەرەكىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيا پەيغەمبەرگە كەلدى. ئۇ مۇنداق بېشارەتنى كۆردى: ــ 7
مەن كېچىدە [ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى] كۆردۈم؛ مانا، تورۇق ئاتقا مىنگەن بىر ئادەمنى كۆردۈم؛ ئۇ چوڭقۇر ئويمانلىقتىكى خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇراتتى؛ ئۇنىڭ كەينىدە تورۇق، ئالا-تاغىل ۋە ئاق ئاتلار بار ئىدى. 8
مەن ئۇنىڭدىن: «تەقسىر، بۇلار نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا: «مەن ساڭا بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىمەن» ــ دېدى. 9
خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇرغان زات جاۋابەن: «بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يەر يۈزىنى ئۇيان-بۇيان كېزىشكە ئەۋەتكەنلىرى» ــ دېدى. 10
بۇ ئاتلار خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە جاۋاب قىلىپ: «بىز يەر يۈزىدە ئۇيان-بۇيان كېزىپ كەلدۇق؛ مانا، پۈتكۈل يەر يۈزى تىپتىنچ، ئاراملىقتا تۇرۇۋاتىدۇ» ــ دېدى. 11
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى جاۋابەن: «ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، قاچانغىچە سەن بۇ يەتمىش يىلدىن بېرى ئاچچىقلىنىپ كېلىۋاتقان يېرۇسالېم ۋە يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىگە رەھىم قىلمايسەن؟» ــ دېدى. 12
پەرۋەردىگار مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىگە يېقىملىق سۆزلەر، تەسەللى بەرگۈچى سۆزلەر بىلەن جاۋاب بەردى. 13
شۇنىڭ بىلەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن مۇنداق جاكارلىغىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېم ۋە زىئونغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىمدىن يۈرىكىم لاۋىلداپ كۆيىدۇ! 14
شۇنىڭ بىلەن مەن ئەركىن-ئازادىلىكتە ياشاۋاتقان ئەللەرگە قاتتىق غەزەپلىنىمەن؛ چۈنكى مەن [خەلقىمگە] سەللا غەزەپلىنىپ قويىۋىدىم، ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ [خەلقىمگە] زور ئازار قىلدى»، دەيدۇ. 15
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمغا رەھىم-شەپقەتلەر بىلەن قايتىپ كەلدىم؛ مېنىڭ ئۆيۈم ئۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلىدۇ» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ «ۋە يېرۇسالېم ئۈستىگە «ئۆلچەم تانىسى» يەنە تارتىلىدۇ». 16
ــ يەنە مۇنداق جاكارلىغىن: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ شەھەرلىرىم يەنە ئاۋاتلىشىدۇ، پەرۋەردىگار يەنە زىئونغا تەسەللى بېرىدۇ ۋە يېرۇسالېمنى يەنە تاللىۋالىدۇ». 17
ئاندىن مەن بېشىمنى كۆتۈردۈم، مانا تۆت مۈڭگۈزنى كۆردۈم. 18
مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «بۇلار نېمە؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «بۇ يەھۇدا، ئىسرائىل ۋە يېرۇسالېمنى تارقىتىۋەتكەن مۈڭگۈزلەردۇر» ــ دېدى. 19
ۋە پەرۋەردىگار ماڭا تۆت ھۈنەرۋەننى كۆرسەتتى. 20
مەن: «بۇ [ھۈنەرۋەنلەر] نېمە ئىش قىلغىلى كەلدى؟» دەپ سورىدىم. ئۇ: «مانا بۇلار بولسا يەھۇدادىكىلەرنى ھېچكىم قەددىنى رۇسلىيالمىغۇدەك دەرىجىدە تارقىتىۋەتكەن مۈڭگۈزلەر؛ بىراق بۇ [ھۈنەرۋەنلەر مۈڭگۈزلەرنى] دەككە-دۈككىگە چۈشۈرگىلى، يەنى ئەللەرنىڭ يەھۇدانىڭ زېمىنىنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن كۆتۈرگەن مۈڭگۈزلىرىنى يەرگە تاشلىۋەتكىلى كەلدى!» ــ دېدى. 21

< زەكەرىيا 1 >