< تىتۇسقا 3 >

[جامائەتتىكىلەرگە] شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمرانلارغا ۋە ھوقۇقدارلارغا بويسۇنۇپ، شۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىسۇن، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن، 1
tē yathā dēśādhipānāṁ śāsakānāñca nighnā ājñāgrāhiṇśca sarvvasmai satkarmmaṇē susajjāśca bhavēyuḥ
ھېچكىمنىڭ يامان گېپىنى قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، مۇلايىم بولسۇن، ھەممە ئادەمگە ھەر جەھەتتە مۆمىنلىك كۆرسەتسۇن. 2
kamapi na nindēyu rnivvirōdhinaḥ kṣāntāśca bhavēyuḥ sarvvān prati ca pūrṇaṁ mr̥dutvaṁ prakāśayēyuścēti tān ādiśa|
چۈنكى بىز ئۆزىمىزمۇ ئەسلىدە نادان بولۇپ، ئىتائەتسىز، ئازدۇرۇلغان، ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ ھەم لەززەتلەرنىڭ قۇلى بولغان، رەزىللىك ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، نەپرەتلىك بولغان ھەم بىر-بىرىمىزدىن نەپرەتلىنىدىغانلاردىن ئىدۇق. 3
yataḥ pūrvvaṁ vayamapi nirbbōdhā anājñāgrāhiṇō bhrāntā nānābhilāṣāṇāṁ sukhānāñca dāsēyā duṣṭatvērṣyācāriṇō ghr̥ṇitāḥ parasparaṁ dvēṣiṇaścābhavāmaḥ|
بىراق قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بولغان مېھرىبانلىقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى ئايان بولۇشى بىلەن، 4
kintvasmākaṁ trāturīśvarasya yā dayā marttyānāṁ prati ca yā prītistasyāḥ prādurbhāvē jātē
(ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ھەققانىي ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى بىلەن) يېڭىدىن تۇغۇلۇشتا يۇيۇشلىرى ۋە مۇقەددەس روھتا يېڭىلىشى ئارقىلىق ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى؛ 5
vayam ātmakr̥tēbhyō dharmmakarmmabhyastannahi kintu tasya kr̥pātaḥ punarjanmarūpēṇa prakṣālanēna pravitrasyātmanō nūtanīkaraṇēna ca tasmāt paritrāṇāṁ prāptāḥ
بۇ روھنى خۇدا نىجاتكارىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ۋۇجۇدىمىزغا مول قۇيدى. 6
sa cāsmākaṁ trātrā yīśukhrīṣṭēnāsmadupari tam ātmānaṁ pracuratvēna vr̥ṣṭavān|
بۇ ئارقىلىق، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ھەققانىي قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى تۇتقان مىراسخورلار بولدۇق. (aiōnios g166) 7
itthaṁ vayaṁ tasyānugrahēṇa sapuṇyībhūya pratyāśayānantajīvanasyādhikāriṇō jātāḥ| (aiōnios g166)
بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر ۋە بۇ ھەقىقەتلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىشىڭنى تەلەپ قىلىمەن. شۇنداق قىلغىنىڭدا، خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار ئۆزلىرىنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېرىلىشكە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ ئىشلار ئىنسانلار ئۈچۈن گۈزەل ۋە پايدىلىق. 8
vākyamētad viśvasanīyam atō hētōrīśvarē yē viśvasitavantastē yathā satkarmmāṇyanutiṣṭhēyustathā tān dr̥ḍham ājñāpayēti mamābhimataṁ|tānyēvōttamāni mānavēbhyaḥ phaladāni ca bhavanti|
بىراق ئەخمىقانە مۇنازىرىلەر، نەسەبنامىلەردىكى [قۇرۇق گەپلەر]، جېدەل-ماجرالار، تەۋرات قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشلاردىن ئۆزۈڭنى نېرى تۇتقىن؛ چۈنكى بۇلار پايدىسىز ۋە بىمەنىلىكتۇر. 9
mūḍhēbhyaḥ praśnavaṁśāvalivivādēbhyō vyavasthāyā vitaṇḍābhyaśca nivarttasva yatastā niṣphalā anarthakāśca bhavanti|
ئارىغا بۆلگۈنچىلىك قىلغۇچى ئادەمنى بولسا بىر-ئىككى قېتىم ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان باردى-كەلدىنى ئۈزىۋەت؛ 10
yō janō bibhitsustam ēkavāraṁ dvirvvā prabōdhya dūrīkuru,
چۈنكى بۇنداق ئادەمنى ھەقىقەتتىن چەتنىدى، گۇناھ سادىر قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى ئۆزى جازاغا مەھكۇم قىلغان دەپ بىلىسەن. 11
yatastādr̥śō janō vipathagāmī pāpiṣṭha ātmadōṣakaśca bhavatīti tvayā jñāyatāṁ|
ئارتېماسنى ياكى تىكىكۇسنى ساڭا ماڭدۇرغاندا، مۇمكىن قەدەر تېزرەك نىكوپولىس شەھىرىگە مېنىڭ يېنىمغا كەلگىن، چۈنكى ئۇ يەردە قىشلىماقچى بولۇۋاتىمەن. 12
yadāham ārttimāṁ tukhikaṁ vā tava samīpaṁ prēṣayiṣyāmi tadā tvaṁ nīkapalau mama samīpam āgantuṁ yatasva yatastatraivāhaṁ śītakālaṁ yāpayituṁ matim akārṣaṁ|
ئادۋوكات زېناس بىلەن ئاپوللوسنىڭ سەپىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ھىممىتىڭنىڭ بارىچە ئۇزاتقىن؛ كەم-كۈتىلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققىن. 13
vyavasthāpakaḥ sīnā āpalluścaitayōḥ kasyāpyabhāvō yanna bhavēt tadarthaṁ tau yatnēna tvayā visr̥jyētāṁ|
بىزنىڭ قوۋمىمىز مېۋىسىز قالماسلىقى ئۈچۈن ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۆزلىرىنى گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلاشنى ئۆگەنسۇن. 14
aparam asmadīyalōkā yanniṣphalā na bhavēyustadarthaṁ prayōjanīyōpakārāyā satkarmmāṇyanuṣṭhātuṁ śikṣantāṁ|
يېنىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ساڭا سالام. ئېتىقادتا بىزنى سۆيىدىغالارغا سالام ئېيت. مېھىر-شەپقەت ھەممىڭلارغا يار بولغاي! 15
mama saṅginaḥ savvē tvāṁ namaskurvvatē| yē viśvāsād asmāsu prīyantē tān namaskuru; sarvvēṣu yuṣmāsvanugrahō bhūyāt| āmēn|

< تىتۇسقا 3 >