< كۈيلەرنىڭ كۈيى 8 >

«ئاھ، ئاپامنىڭ كۆكسىنى شورىغان ئىنىمدەك بولساڭئىدى! سېنى تالادا ئۇچرىتار بولسام، سۆيەتتىم، ۋە ھېچكىم مېنى كەمسىتمەيتتى. 1
مەن سېنى يېتەكلەيتتىم، ئاپاڭنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىرەتتىم؛ سەن ماڭا تەلىم بېرەتتىڭ؛ مەن ساڭا تېتىتقۇ شارابىدىن ئىچكۈزەتتىم؛ ئانارلىرىمنىڭ شەربىتىدىن ئىچكۈزەتتىم. 2
ئۇنىڭ سول قولى بېشىم ئاستىدا بولاتتى، ئۇنىڭ ئوڭ قولى مېنى سىلايتتى!». 3
«سىلەرگە تاپىلايمەنكى، ئى يېرۇسالېم قىزلىرى ــ «ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، سىلەر مۇھەببەتنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار!» 4
«دالادىن چىقىۋاتقان بۇ زادى كىم؟ ئۆز سۆيۈملۈكىگە يۆلىنىپ؟» «مەن ئالما دەرىخى ئاستىدا سېنى ئويغاتقانىدىم؛ ئاشۇ يەردە ئاپاڭ تولغاق يەپ سېنى دۇنياغا چىقارغانىدى؛ ئاشۇ يەردە سېنى تۇغقۇچى تولغاق يەپ سېنى چىقارغانىدى». 5
«مېنى كۆڭلۈڭگە مۆھۈردەك، بىلىكىڭگە مۆھۈردەك باسقايسەن؛ چۈنكى مۇھەببەت ئۆلۈمدەك كۈچلۈكتۇر؛ مۇھەببەتنىڭ قىزغىنىشى تەھتىسارادەك رەھىمسىز؛ ئۇنىڭدىن چىققان ئوت ئۇچقۇنلىرى، ــ ياھنىڭ دەھشەتلىك بىر يالقۇنىدۇر! (Sheol h7585) 6
كۆپ سۇلار مۇھەببەتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ؛ كەلكۈنلەر ئۇنى غەرق قىلالمايدۇ؛ بىرسى: «ئۆي-تەئەللۇقاتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ مۇھەببەتكە ئېرىشىمەن» دېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئادەم كىشىنىڭ نەزىرىدىن پۈتۈنلەي چۈشۈپ كېتىدۇ». 7
«بىزنىڭ كىچىك سىڭلىمىز باردۇر، بىراق ئۇنىڭ كۆكسى يوقتۇر؛ سىڭلىمىزغا ئەلچىلەر كەلگەن كۈنىدە بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىمىز؟» 8
«ئەگەر ئۇ سېپىل بولسا، بىز ئۇنىڭغا كۈمۈش مۇنار سالىمىز؛ ئەگەر ئۇ ئىشىك بولسا، بىز ئۇنى كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلايمىز». 9
«ئۆزۈم بىر سېپىلدۇرمەن، ھەم مېنىڭ كۆكسىلىرىم مۇنارلاردەكتۇر؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا خاتىرجەملىك تاپقان بىرسىدەك بولدۇم». 10
«سۇلايماننىڭ بائال-ھاموندا ئۈزۈمزارى بار ئىدى، ئۈزۈمزارىنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بەردى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېۋىسى ئۈچۈن مىڭ تەڭگە ئاپىرىپ بېرىشى كېرەك ئىدى؛ 11
ئۆزۈمنىڭ ئۈزۈمزارىم مانا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ مىڭ تەڭگىسى ساڭا بولسۇن، ئى سۇلايمان، شۇنىڭدەك ئىككى يۈز تەڭگە مېۋىسىنى باققۇچىلارغا بولسۇن». 12
«ھەي باغلاردا تۇرغۇچى، ھەمراھلار ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇسى بار؛ ماڭىمۇ ئۇنى ئاڭلاتقۇزغايسەن». 13
«ئى سۆيۈملۈكۈم، تېز بولە، جەرەن ياكى ياش بۇغىدەك بول، تېتىتقۇلار تاغلىرى ئۈستىدە يۈگۈرۈپ!» 14

< كۈيلەرنىڭ كۈيى 8 >