< كۈيلەرنىڭ كۈيى 7 >

«ئى شاھزادىنىڭ قىزى، كەشلىرىڭدە سېنىڭ قەدەملىرىڭ نېمىدېگەن گۈزەل! تولغىغان يامپاشلىرىڭ گۆھەرلەردەك، چېۋەر ھۈنەرۋەن قولىنىڭ ھۈنىرىدۇر. 1
كىندىكىڭ يۇمۇلاق بىر قەدەھتۇر؛ ئۇنىڭ ئەبجەش شارابى كەم ئەمەس؛ قورسىقىڭ بۇغداي دۆۋىسىدۇر، ئەتراپىغا نىلۇپەرلەر ئولىشىدۇ. 2
ئىككى كۆكسۈڭ ئىككى مارالدەك، جەرەننىڭ قوشكېزىكىدۇر؛ 3
بوينۇڭ پىل چىشلىرىدىن ياسالغان مۇناردۇر؛ كۆزلىرىڭ بات-راببىم قوۋۇقى بويىدىكى ھەشبون كۆلچەكلىرىدەك، بۇرنۇڭ دەمەشققە قارايدىغان لىۋان مۇنارىدەكتۇر؛ 4
ئۈستۈڭدە بېشىڭ كارمەل تېغىدەك تۇرىدۇ؛ بېشىڭدىكى ئۆرۈمە چاچلىرىڭ سۆسۈن رەڭلىكتۇر، پادىشاھ بۈدۈر چاچلىرىڭنىڭ مەھبۇسىدۇر. 5
ئى سۆيگىنىم، ھۇزۇرلار ئۈچۈن شۇنچە گۈزەل، شۇنچە يېقىملىقتۇرسەن! 6
سېنىڭ بويۇڭ پالما دەرىخىدەك، كۆكسۈڭ ئۈزۈم غۇنچىلىرىدەكتۇر. 7
مەن: ــ «پالما دەرىخى ئۈستىگە چىقىمەن، شاخلىرىنى تۇتۇپ يامىشىمەن؛ كۆكسىلىرىڭ دەرۋەقە ئۈزۈم تال غۇنچىلىرىدەك، بۇرنۇڭنىڭ پۇرىقى ئالمىلاردەك، تاڭلايلىرىڭنىڭ تەمى ئەڭ ئېسىل شارابدەكتۇر...». 8
«...مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭ گېلىدىن سىلىق ئۆتۈپ، لەۋلەر، چىشلاردىن تېيىلىپ چۈشسۇن...! 9
مەن مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭكىدۇرمەن، ئۇنىڭ تەقاززاسى ماڭا قارىتىلىدۇ». 10
«ئى سۆيۈملۈكۈم، كېلەيلى، ئېتىزلارغا چىقايلى؛ يېزىلاردا تۈنەپ كېلەيلى، 11
ئۈزۈمزارلىققا چىقىشقا بالدۇر ئورۇندىن تۇرايلى، ئۈزۈم تاللىرىنىڭ بىخلىغان-بىخلىمىغانلىقىنى، چېچەكلەرنىڭ ئېچىلغان-ئېچىلمىغانلىقىنى، ئانارلارنىڭ بەرق ئۇرغان-ئۇرمىغانلىقىنى كۆرەيلى؛ ئاشۇ يەردە مۇھەببەتلىرىمنى ساڭا بېغىشلايمەن. 12
مۇھەببەتگۈللەر ئاشۇ يەردە ئۆز پۇرىقىنى پۇرىتىدۇ؛ ئىشىكلىرىمىز ئۈستىدە ھەرخىل ئېسىل مېۋە-چىۋىلەر باردۇر، يېڭى ھەم كونىمۇ باردۇر؛ سەن ئۈچۈن ئۇلارنى توپلاپ تەييارلىدىم، ئى سۆيۈملۈكۈم!» 13

< كۈيلەرنىڭ كۈيى 7 >