< كۈيلەرنىڭ كۈيى 6 >

«سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭ نەگە كەتكەندۇ، قىز-ئاياللار ئارىسىدا ئەڭ گۈزەل بولغۇچى؟ سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭ قەيەرگە بۇرۇلۇپ كەتتى؟ بىز سەن بىلەن بىللە ئۇنى ئىزدەيلى!» 1
«مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئۆز بېغىغا چۈشتى، تېتىتقۇ ئوتياشلىقلارغا چۈشتى. باغلاردا ئوزۇقلىنىشقا، نىلۇپەرلەرنى يىغىشقا چۈشتى. 2
مەن مېنىڭ سۆيۈملۈكۈمنىڭكىدۇرمەن، ۋە سۆيۈملۈكۈم مېنىڭكىدۇر؛ ئۇ ئۆز پادىسىنى نىلۇپەرلەر ئارىسىدا باقىدۇ» 3
«سەن گۈزەل، ئى سۆيۈملۈكۈم، تىرزاھ شەھىرىدەك گۈزەل؛ يېرۇسالېمدەك يېقىملىق، تۇغلارنى كۆتۈرگەن بىر قوشۇندەك ھەيۋەتلىكتۇرسەن؛ 4
ئاھ، كۆزلىرىڭنى مەندىن كەتكۈزگىن! چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن غالىب كېلىۋاتىدۇ؛ چاچلىرىڭ گىلېئاد تېغى باغرىدا ياتقان بىر توپ ئۆچكىلەردەكتۇر. 5
چىشلىرىڭ يېڭىلا يۇيۇلۇشتىن چىققان قىرقىلغان بىر توپ قويلاردەك؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشكېزەك تۇغقانلاردىندۇر؛ ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى كەم ئەمەستۇر؛ 6
چۈمبىلىڭ كەينىدە چېكىلىرىڭ پارچە ئاناردۇر. 7
ئاتمىش خانىش، سەكسەن كېنىزەكمۇ بار؛ قىزلار ساناقسىز؛ 8
بىراق مېنىڭ پاختىكىم، غۇبارسىزىم بولسا بىردىنبىردۇر؛ ئانىسىدىن تۇغۇلغانلار ئىچىدە تەڭداشسىز بولغۇچى، ئۆزىنى تۇغقۇچىنىڭ تاللىغىنىدۇر. قىزلار ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتاشتى، خانىشلار ۋە كېنىزەكلەرمۇ كۆرۈپ ئۇنى ماختاشتى». 9
«تاڭ سەھەر جاھانغا قارىغاندەك، ئايدەك گۈزەل، ئايدىڭدەك روشەن، ئىللىق قۇياشتەك يورۇق، تۇغلارنى كۆتۈرگەن قوشۇنلاردەك ھەيۋەتلىك بولغۇچى كىمدۇر؟» 10
«مېغىزلار بېغىغا چۈشتۈم، جىلغىدىكى گۈل-گىياھلارنى كۆرۈشكە، ئۈزۈم تېلىنىڭ بىخلىغان-بىخلىمىغانلىقىنى كۆرۈشكە، ئانارلارنىڭ چېچەكلىگەن-چېچەكلىمىگەنلىكىنى كۆرۈشكە؛ 11
بىراق بىلە-بىلمەي، جېنىم مېنى كۆتۈرۈپ، ئېسىل خەلقىمنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ئۈستىگە قويغانىكەن». 12
«قايتقىن، قايتقىن، ئى شۇلامىت ــ قايتقىن، قايتقىن، بىزنىڭ ساڭا قارىغۇمىز باردۇر!» «سىلەر شۇلامىتنىڭ نېمىسىگە قارىغۇڭلار بار؟» «“ئىككى بارگاھ” ئۇسسۇلغا چۈشكەن ۋاقتىدىكىدەك ئۇنىڭغا قارايمىز!» 13

< كۈيلەرنىڭ كۈيى 6 >