< كۈيلەرنىڭ كۈيى 4 >

«مانا، سەن گۈزەل، سۆيۈملۈكۈم! مانا، سەن گۈزەل! چۈمپەردەڭ كەينىدە كۆزلىرىڭ پاختەكلەردەك ئىكەن، چاچلىرىڭ گىلېئاد تېغى باغرىدا ياتقان بىر توپ ئۆچكىلەردەكتۇر. 1
چىشلىرىڭ يېڭىلا يۇيۇلۇشتىن چىققان قىرقىلغان بىر توپ قويلاردەك؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشكېزەك تۇغقانلاردىن، ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى كەم ئەمەستۇر. 2
لەۋلىرىڭ پەرەڭ تال يىپتەك، گەپلىرىڭ يېقىملىقتۇر؛ چۈمبىلىڭ كەينىدە چېكىلىرىڭ پارچە ئاناردۇر. 3
بوينۇڭ بولسا، قورالخانا بولۇشقا تەييارلىغان داۋۇتنىڭ مۇنارىدەكتۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىڭ قالقان ئېسىقلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى پالۋانلارنىڭ سىپارلىرىدۇر. 4
ئىككى كۆكسۈڭ خۇددى ئىككى مارالدۇر، نىلۇپەر ئارىسىدا ئوزۇقلىنىۋاتقان جەرەننىڭ قوشكېزەكلىرىدەكتۇر؛ 5
تاڭ ئاتقۇچە، كۆلەڭگىلەر قېچىپ يوقىغۇچە، مەن ئۆزۈمنى مۇرمەككە تېغىغا، مەستىكى دۆڭىگە ئېلىپ كېتىمەن. 6
سەن پۈتۈنلەي گۈزەل، ئى سۆيۈملۈكۈم، سەندە ھېچ داغ يوقتۇر». 7
«لىۋاندىن مەن بىلەن كەلگىن، ئى جۆرەم، مەن بىلەن لىۋاندىن كەلگىن ــ ئاماناھ چوققىسىدىن قارا، سېنىر ھەم ھەرمون چوققىلىرىدىن، يەنى شىرلار ئۇۋىلىرىدىن، يىلپىزلارنىڭ تاغلىرىدىن قارا!» 8
«سەن كۆڭلۈمنى ئالامەت سۆيۈندۈردۈڭ، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم، كۆزۈڭنىڭ بىر لەپ قىلىپ قارىشى بىلەن، بوينۇڭدىكى مارجاننىڭ بىر تال ھالقىسى بىلەن، كۆڭلۈمنى سۆيۈندۈردۈڭ. 9
سېنىڭ مۇھەببىتىڭ نېمىدېگەن گۈزەل، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم! سېنىڭ مۇھەببەتلىرىڭ شارابتىن شۇنچە شېرىن! سېنىڭ ئەتىرلىرىڭنىڭ پۇرىقى ھەرقانداق تېتىتقۇدىن پەيزىدۇر! 10
لەۋلىرىڭ، ئى جۆرەم، ھەرە كۆنىكىدەك تېمىتىدۇ، تىلىڭ ئاستىدا بال ۋە سۈت بار؛ كىيىم-كېچەكلىرىڭنىڭ پۇرىقى لىۋاننىڭ پۇرىقىدۇر؛ 11
سەن پېچەتلەنگەن بىر باغدۇرسەن، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم! ئېتىكلىك بىر بۇلاق، يېپىقلىق بىر فونتاندۇرسەن. 12
شاخلىرىڭ بولسا بىر ئانارلىق «ئېرەن باغچىسى»دۇر؛ ئۇنىڭدا قىممەتلىك مېۋىلەر، خېنە سۇمبۇل ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن، 13
سۇمبۇللار ۋە ئىپارلار، كالامۇس ۋە قوۋزاقدارچىن، ھەرخىل مەستىكى دەرەخلىرى، مۇرمەككە، مۇئەتتەر بىلەن ھەممە ئېسىل تېتىتقۇلار بار. 14
باغلاردا بىر فونتان سەن، ھاياتلىق سۇلىرىنى بېرىدىغان، لىۋاندىن ئاقىدىغان بىر بۇلاقسەن». 15
«ئويغان، شىمالدىكى شامال؛ كەلگىن، ئى جەنۇبتىكى شامال! مېنىڭ بېغىم ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەي؛ شۇنىڭ بىلەن تېتىتقۇلىرى سىرتقا پۇراق چاچىدۇ! سۆيۈملۈكۈم ئۆز بېغىغا كىرسۇن! ئۆزىنىڭ قىممەتلىك مېۋىلىرىنى يېسۇن!» 16

< كۈيلەرنىڭ كۈيى 4 >