< كۈيلەرنىڭ كۈيى 3 >

«ئورۇن-كۆرپەمدە يېتىپ، كېچە-كېچىلەردە، جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى ئىزدەپ تەلمۈرۈپ ياتتىم؛ ئىزدىدىم، بىراق تاپالمايتتىم؛ 1
Fekvőhelyemen az éjszakákon kerestem azt, kit lelkem szeret, kerestem, de nem találtam.
مەن ھازىر تۇرۇپ، شەھەرنى ئايلىناي؛ كوچىلاردا، مەيدانلاردا، جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى ئىزدەيمەن» ــ دېدىم؛ ئىزدىدىم، بىراق تاپالمايتتىم؛ 2
Hadd kelek csak föl, hadd járok körül a városban, az utczákon és tereken, hadd keressem azt, kit lelkem szeret; kerestem, de nem találtam.
شەھەرنى چارلىغۇچى جېسەكچىلەر ماڭا ئۇچرىدى، مەن ئۇلاردىن: ــ «جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى كۆردۈڭلارمۇ؟» ــ دەپ سورىدىم. 3
Találtak engem az őrök, kik körüljárnak a városban: azt, kit lelkem szeret, láttátok-e?
ــ ئۇلاردىن ئايرىلىپلا جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى تاپتىم؛ ئۇنى ئانامنىڭ ئۆيىگە، ئۆز قورسىقىدا مېنى ھامىلىدار بولغاننىڭ ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىرمىگۈچە، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ قەتئىي قويۇپ بەرمەيتتىم». 4
Alig, hogy odébb mentem tőlük, már is találtam azt, kit lelkem szeret; megfogtam és nem is engedem el, míg be nem viszem anyám házába, szülőm kamarájába.
«ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، جەرەنلەر ۋە دالادىكى ماراللارنىڭ ھۆرمىتى بىلەن، سىلەرگە تاپىلايمەنكى، مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، ئۇنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار». 5
Megesketlek titeket, Jeruzsálem leányai a szavasünőkre vagy a mező őzikéire: ne ébreszszétek és ne ébresztgessétek a szerelmet, míg nincsen kedve.
«بۇ زادى كىم، چۆل-باياۋاندىن كېلىۋاتقان؟ ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىدەك، مۈرمەككى ھەم مەستىكى بىلەن پۇرىتىلغان، ئەتىرپۇرۇشنىڭ ھەرخىل ئىپار-ئەنبەرلىرى بىلەن پۇرىتىلغان؟» 6
Mi az, a mi feljön a puszta felől, mint füstnek oszlopai, átillatozva myrrhától és tömjéntől, a kalmár minden fűszerporától?
«مانا، ئۇنىڭ تەختىراۋانى، ئۇ سۇلايماننىڭ ئۆزىنىڭدۇر؛ ئەتراپىدا ئاتمىش پالۋان يۈرىدۇ، ئۇلار ئىسرائىلدىكى باتۇرلاردىندۇر. 7
Íme ágya Salamonnak- hatvan vitéz körülötte Izraél vitézei közül;
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قىلىچى تۇتۇقلۇق، جەڭ قىلىشقا تەربىيىلەنگەنلەردۇر؛ تۈنلەردىكى ۋەسۋەسىلەرگە تەييار تۇرۇپ، ھەممىسى ئۆز قىلىچىنى يانپىشىغا ئاسىدۇ». 8
mindannyian kardot fogók, harczhoz szokottak, mindegyiknek kardja a csipőjén az éjszakák rettegése miatt.
«سۇلايمان پادىشاھ ئۆزى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر شاھانە سايىۋەنلىك كارىۋات ياسىغان؛ لىۋاندىكى ياغاچلاردىن ياسىغان. 9
Gyaloghintót készített magának Salamon király a Libánon fáiból;
ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى كۈمۈشتىن، يۆلەنچۈكى ئالتۇندىن، سېلىنچىسى بولسا سۆسۈن رەختتىن؛ ئىچى مۇھەببەت بىلەن بېزەلگەن، يېرۇسالېم قىزلىرى تەرىپىدىن. 10
oszlopait ezüstből készítette, támláját aranyból, ülését bíborból; belseje pedig kirakva szerelemmel Jeruzsálem leányaitól.
چىقىڭلار، ئى زىئون قىزلىرى، سۇلايمان پادىشاھقا قاراپ بېقىڭلار، توي بولغان كۈنىدە، كۆڭلى خۇشال بولغان كۈنىدە، ئانىسى ئۇنىڭغا تاجنى كىيگۈزگەن قىياپەتتە ئۇنىڭغا قاراپ بېقىڭلار!» 11
Menjetek ki és nézzétek, Czión leányai, Salamon királyt, a koszorúban, melylyel megkoszorúzta őt az anyja, nászának napján, lelke örömének napján.

< كۈيلەرنىڭ كۈيى 3 >