< رۇت 3 >

شۇ كۈنلەردە، قېينئانىسى نائومى ئۇنىڭغا: ــ ئەي قىزىم، ھال-ئەھۋالىڭنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، سېنىڭ ئارام-بەختىڭنى ئىزدىمەيمەنمۇ؟ 1
Рече же ей Ноемминь свекровь ея: дщи (моя), не поищу ли тебе покоя, да благо ти будет?
سەن دېدەكلىرى بىلەن ئىشلىگەن بوئاز بىزگە تۇغقان كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ مانا، بۈگۈن ئاخشام ئۇ خاماندا ئارپا سورۇيدۇ. 2
И ныне Вооз не ужик ли нам, идеже со отроковицами его была еси? Се, той веет на гумне ячмень сея нощи:
ئەمدى سەن يۇيۇنۇپ-تارىنىپ، ئۆزۈڭگە ئەتىرلىك ماي سۈرۈپ، [ئېسىل] كىيىملىرىڭنى كىيىپ، خامانغا چۈشكىن؛ لېكىن ئۇ ئەر كىشى يەپ-ئىچىپ بولمىغۇچە، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمىگىن. 3
ты же измыйся, и помасти лице твое, и облецыся в ризы твоя (светлыя), и изыди на гумно: не явися мужу, дондеже скончает ясти и пити:
ئۇ ياتقاندا ئۇنىڭ ئۇخلايدىغان يېرىنى كۆرۈۋال. ئاندىن سەن كىرىپ، ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ، شۇ يەردە يېتىۋالغىن. ئاندىن ئۇ ساڭا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ، ــ دېدى. 4
и будет внегда уснути ему, и познаеши место, где ляжет, тамо да внидеши, и открыеши у ног его, и ляжеши: и той повесть тебе, яже имаши творити.
رۇت ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمە دېسەڭ مەن شۇنى قىلىمەن، ــ دېدى. 5
И рече Руфь к ней: вся елика речеши мне, сотворю.
ئۇ خامانغا چۈشۈپ، قېينئانىسى ئۇنىڭغا تاپىلىغاندەك قىلدى. 6
И иде на гумно, и сотвори по всему, елика заповеда ей свекровь ея.
بوئاز يەپ-ئىچىپ، كۆڭلىنى خۇش قىلىپ چەشنىڭ ئايىغىغا بېرىپ ياتتى. ئاندىن رۇت شەپە چىقارماي كېلىپ، ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ، شۇ يەردە ياتتى. 7
И яде Вооз и пи, и возблажа сердце его, и иде спати со страны стога: она же прииде втай, и откры яже у ног его, и ляже.
يېرىم كېچىدە بوئاز چۆچۈپ، ئالدىغا ئېڭىشكەندە، مانا بىر ئايال ئايىغىدا ياتاتتى! 8
И бысть в полунощи, ужасеся муж и возмятеся, и се, жена лежит у ног его:
كىم سەن؟! ــ دەپ سورىدى ئۇ. رۇت جاۋابەن: ــ مەن خىزمەتكارىڭ رۇت بولىمەن. سەن مېنىڭ ھەمجەمەت-نىجاتكارىم بولغىنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارىڭنىڭئۈستىگە تونۇڭنىڭ ئېتىكىنى يېيىپ قويغايسەن، ــ دېدى. 9
и рече (ей Вооз): кто еси ты? Она же рече: аз есмь Руфь раба твоя, да возложиши крило твое на рабу твою, яко ужик ты еси.
ئۇ جاۋابەن: ــ ئەي قىزىم، پەرۋەردىگاردىن بەخت-بەرىكەت تاپقايسەن! سېنىڭ كېيىن كۆرسەتكەن ساداقەت-مېھرىبانلىقىڭ ئىلگىرى كۆرسەتكىنىڭدىنمۇ ئارتۇقتۇر؛ چۈنكى [سېنى ئىزدىگەن] يىگىتلەر، مەيلى كەمبەغەل بولسۇن، باي بولسۇن، ئۇلارنىڭ كەينىدىن كەتمىدىڭ. 10
И рече Вооз: благословена ты Господем Богом, дщи, яко разблажила еси милость твою последнюю паче первыя, еже не ити тебе вслед юнот, аще убог, аще богат:
ئى قىزىم، ئەمدى قورقمىغىن! دېگىنىڭنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بېرىمەن؛ چۈنكى پۈتكۈل شەھىرىمىزدىكى مۆتىۋەرلەر سېنى پەزىلەتلىك ئايال دەپ بىلىدۇ. 11
и ныне, дщи, не бойся: вся елика речеши, сотворю тебе: весть бо все племя людий моих, яко жена силы ты еси:
دۇرۇس، ساڭا ھەمجەمەت-نىجاتكار بولغىنىم راست؛ لېكىن سېنىڭ مەندىن يېقىنراق يەنە بىر ھەمجەمەتىڭ بار. 12
и ныне поистинне ужик есмь аз: но еще есть ужик ближший мене:
ئەمدى كېچىچە بۇ يەردە قالغىن؛ ئەتە سەھەردە ئەگەر ئۇ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ سېنى ئېلىشنى خالىسا، ئۇ ئالسۇن؛ لېكىن ھەمجەمەتلىك ھوقۇقى بويىچە سېنى ئالمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ساڭا ھەمجەمەتلىك قىلىپ سېنى ئالاي. تاڭ ئاتقۇچە بۇ يەردە يېتىپ تۇرغىن! ــ دېدى 13
прележи сию нощь, и будет заутра аще приимет тя, то благо: да поймет: аще ли не восхощет пояти тебе, то поиму тя аз, жив Господь: прележи до заутрия.
ئۇ ئۇنىڭ ئايىغىدا تاڭ ئاتقۇچە يېتىپ، كىشىلەر بىر-بىرىنى تونۇغۇدەك بولۇشتىن بۇرۇن قوپتى. چۈنكى بوئاز: ــ بىر ئايالنىڭ خامانغا كەلگىنىنى ھېچكىم بىلمىسۇن، دەپ ئېيتقانىدى. 14
И лежа у ног его до заутрия: она же воста, прежде неже познати мужу подруга своего. И рече Вооз: да не увестся, яко приходила жена на гумно.
ئۇ يەنە [رۇتقا]: ــ سەن كىيگەن يېپىنچىنى ئېچىپ تۇرغىن، دېدى. ئۇ ئۇنى ئېچىپ تۇرۇۋىدى، بوئاز ئارپىدىن ئالتە كەمچەن كەملەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆشنىسىگە ئارتىپ قويدى. ئاندىن ئۇ شەھەرگە كىردى. 15
И рече ей: принеси покрывало еже на тебе, и держи е. Она же держа е, и намери ей шесть мер ячменя, и заде ей: и иде во град.
رۇت قېينئاناسىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ: ــ ئەي قىزىم، سەن ھازىر كىم؟! ــ دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېينئانىسىغا ئۇ كىشىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. 16
И прииде Руфь ко свекрови своей. Она же рече ей: что есть, дщи? И поведа ей вся, елика сотвори ей муж.
ئۇ: ــ ئۇ بۇ ئالتە كەمچەن ئارپىنى ماڭا بەردى، چۈنكى ئۇ: «قېينئاناڭنىڭ يېنىغا قۇرۇق قول قايتىپ بارمىغىن» دېدى، ــ دېدى. 17
И рече ей: шесть мер сих ячменя даде ми, глагола бо ко мне: да не идеши тща ко свекрови своей.
نائومى: ــ ئەي قىزىم، بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلگۈچە مۇشۇ يەردە تەخىر قىلغىن؛ چۈنكى ئۇ ئادەم بۈگۈن مۇشۇ ئىشنى پۈتكۈزمەي ئارام ئالمايدۇ، دېدى. 18
Она же рече: седи, дщи, дондеже увеси, како падет слово: не умолчит бо муж, дондеже совершится слово днесь.

< رۇت 3 >