< رۇت 1 >

[باتۇر] ھاكىملار ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە شۇنداق بولدىكى، زېمىندا ئاچارچىلىق يۈز بەردى. شۇ ۋاقىتتا بىر ئادەم ئايالى ۋە ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيت-لەھەمدىن چىقىپ، موئابنىڭ سەھرالىرىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ كېلىشكە باردى. 1
ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئەلىمەلەك، ئايالىنىڭ ئىسمى نائومى، ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسمى ماھلون بىلەن كىليون ئىدى. ئۇلار بەيت-لەھەمدە ئولتۇرۇقلۇق، ئەفرات جەمەتىدىن ئىدى. ئۇلار موئابنىڭ سەھراسىغا كېلىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. 2
كېيىن نائومىنىڭ ئېرى ئەلىمەلەك ئۆلدى؛ ئايالى ئىككى ئوغلى بىلەن قالدى. 3
ئۇلار موئاب قىزلىرىدىن ئۆزلىرىگە خوتۇن ئالدى. بىرىنىڭ ئېتى ئورپاھ، يەنە بىرىنىڭ ئېتى رۇت ئىدى. ئۇلار شۇ يەردە ئون يىلدەك تۇردى. 4
ماھلون بىلەن كىليون ھەر ئىككىسى ئۆلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئاپىسى ئېرى ھەم ئوغۇللىرىدىن ئايرىلىپ يالغۇز قالدى. 5
شۇنىڭ بىلەن ئايال ئىككى كېلىنى بىلەن قوپۇپ موئابنىڭ سەھراسىدىن قايتىپ كەتمەكچى بولدى؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىنى يوقلاپ، ئاشلىق بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى موئابنىڭ سەھراسىدا تۇرۇپ ئاڭلىغانىدى. 6
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككى كېلىنى بىلەن بىللە تۇرغان يېرىدىن چىقىپ، يەھۇدا زېمىنىغا قايتىشقا يولغا چىقتى. 7
نائومى ئىككى كېلىنىگە: ــ ھەر ئىككىڭلار قايتىپ ئۆز ئاناڭلارنىڭ ئۆيىگە بېرىڭلار. سىلەرنىڭ مەرھۇملارغا ۋە ماڭا مېھرىبانلىق كۆرسەتكىنىڭلاردەك پەرۋەردىگارمۇ سىلەرگە مېھرىبانلىق كۆرسەتكەي! 8
پەرۋەردىگار سىلەر ئىككىڭلارنى ئۆز ئېرىڭلارنىڭ ئۆيىدە ئارام تاپقۇزغاي! ــ دەپ، ئۇلارنى سۆيۈپ قويدى. ئۇلار ھۆركىرەپ يىغلىشىپ 9
ئۇنىڭغا: ــ ياق، بىز چوقۇم سېنىڭ بىلەن تەڭ ئۆز خەلقىڭنىڭ يېنىغا قايتىمىز، ــ دېيىشتى. 10
لېكىن نائومى: ــ يېنىپ كېتىڭلار، ئەي قىزلىرىم! نېمىشقا مېنىڭ بىلەن بارماقچىسىلەر؟قورسىقىمدا سىلەرگە ئەر بولغۇدەك ئوغۇللار بارمۇ؟ 11
يېنىپ كېتىڭلار، ئەي قىزلىرىم! چۈنكى مەن قېرىپ كەتكەچكە، ئەرگە تېگىشكە يارىمايمەن. دەرھەقىقەتەن بۈگۈن كېچە بىر ئەرلىك بولۇشقا، شۇنداقلا ئوغۇللۇق بولۇشقا ئۈمىد بار دېگەندىمۇ، 12
ئۇلار يىگىت بولغۇچە سەۋر قىلىپ تۇراتتىڭلارمۇ؟ ئۇلارنى دەپ باشقا ئەرگە تەگمەي ساقلاپ تۇراتتىڭلارمۇ؟ ياق، بولمايدۇ، قىزلىرىم! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولى ماڭا قارشى بولۇپ مېنى ئازابلايدىغىنى ئۈچۈن، مەن تارتىدىغان دەرد-ئەلەم سىلەرنىڭكىدىن تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، ــ دېدى. 13
ئۇلار يەنە ھۆركىرەپ يىغلاشتى. ئورپاھ قېينئانىسىنى سۆيۈپ خوشلاشتى، لېكىن رۇت ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇۋالدى. 14
نائومى ئۇنىڭغا: ــ مانا، كېلىن سىڭلىڭ ئۆز خەلقى بىلەن ئىلاھلىرىنىڭ يېنىغا يېنىپ كەتتى! سەنمۇ كېلىن سىڭلىڭنىڭ كەينىدىن يېنىپ كەتكىن! ــ دېدى. 15
لېكىن رۇت جاۋابەن: ــ مېنىڭ سېنىڭ يېنىڭدىن كېتىشىمنى ۋە ساڭا ئەگىشىش نىيىتىمدىن يېنىشنى ئۆتۈنمە؛ چۈنكى سەن نەگە بارساڭ مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن؛ سەن نەدە قونساڭ مەنمۇ شۇ يەردە قونىمەن؛ سېنىڭ خەلقىڭ مېنىڭمۇ خەلقىمدۇر ۋە سېنىڭ خۇدايىڭ مېنىڭمۇ خۇدايىمدۇر. 16
سەن نەدە ئۆلسەڭ مەنمۇ شۇ يەردە ئۆلىمەن ۋە شۇ يەردە ياتىمەن؛ ئۆلۈمدىن باشقىسى مېنى سەندىن ئايرىۋەتسە پەرۋەردىگار مېنى ئۇرسۇن ھەم ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ جازالىسۇن! ــ دېدى. 17
نائومى ئۇنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىپ بېرىشقا قەتئىي نىيەت قىلغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يەنە ئېغىز ئاچمىدى. 18
ئىككىسى مېڭىپ بەيت-لەھەمگە يېتىپ كەلدى. شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بەيت-لەھەمگە يېتىپ كەلگىنىدە پۈتكۈل شەھەردىكىلەر ئۇلارنى كۆرۈپ زىلزىلىگە كەلدى. ئاياللار بولسا: ــ بۇ راستتىنلا نائومىمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. 19
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مېنى نائومى دېمەي، بەلكى «مارا» دەڭلار؛ چۈنكى ھەممىدىن قادىر ماڭا زەرداب يۇتقۇزدى. 20
توققۇزۇم تەل ھالەتتە بۇ يەردىن چىقتىم؛ لېكىن پەرۋەردىگار مېنى قۇرۇق قايتقۇزدى. پەرۋەردىگار مېنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەردى، ھەممىدىن قادىر مېنى خارلىغانىكەن، نېمىشقا مېنى نائومى دەيسىلەر؟ ــ دېدى. 21
شۇنداق قىلىپ نائومى بىلەن كېلىنى موئاب قىزى رۇت موئابنىڭ سەھراسىدىن قايتىپ كەلدى؛ ئۇلار ئىككىسى بەيت-لەھەمگە يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ ئارپا ئورمىسى باشلانغانىدى. 22

< رۇت 1 >