< رىملىقلارغا 1 >

روسۇللۇققا تاللاپ چاقىرىلغان، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا ئايرىپ تەيىنلەنگەن، مەسىھ ئەيسانىڭ قۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سالام! 1
خۇدا بۇ خۇش خەۋەرنىڭ كېلىشىنى خېلى بۇرۇنلا پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق مۇقەددەس يازمىلاردا ۋەدە قىلغانىدى. 2
بۇ خۇش خەۋەر ئۆز ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر؛ جىسمانىي جەھەتتىن ئۇ داۋۇتنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان؛ بىردىنبىر پاك-مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈش ئارقىلىق «كۈچ-قۇدرەت ئىگىسى خۇدانىڭ ئوغلى» دەپ كۆرسىتىلىپ بېكىتىلگەن؛ 3
4
ئۇ ئارقىلىق، شۇنداقلا ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن بارلىق ئەللەر ئارىسىدا خۇداغا ئېتىقادتىن بولغان ئىتائەتمەنلىك ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشكە بىز مېھىر-شەپقەتكە ۋە روسۇللۇققا مۇيەسسەر بولدۇق؛ 5
سىلەر ئۇلار ئارىسىدا، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن چاقىرىلغانسىلەر. 6
شۇڭا، خۇدا سۆيگەن ۋە ئۇ «مۇقەددەس بەندىلىرىم» دەپ چاقىرغان رىم شەھىرىدىكى ھەممىڭلارغا، ئاتىمىز خۇدادىن ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھتىن مېھىر-شەپقەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! 7
ئالدى بىلەن مەن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەممىڭلار ئۈچۈن خۇدايىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ چۈنكى سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار پۈتكۈل ئالەمگە پۇر كەتتى. 8
ئۆز ئوغلى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەردە چىن روھ-قەلبىم بىلەن مەن خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خۇدا ئۆزى مېنىڭ دۇئالىرىمدا سىلەرنى شۇنچە ئۈزلۈكسىز ئەسلەپ تۇرغانلىقىمغا گۇۋاھتۇر. 9
مەن دۇئالىرىمدا، مۇمكىن قەدەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا ئاخىر مۇيەسسەر بولۇشقا ھەمىشە ئۆتۈنىمەن. 10
چۈنكى مەن سىلەرنى بىرەر روھىي ئىلتىپاتقا ئىگە قىلىش ئارقىلىق مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتايىن تەقەززامەن؛ 11
يەنى، مەن ئاراڭلاردا بولسام، بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىدىن ئۆزئارا تەسەللى ۋە ئىلھام ئالالايمىز دېمەكچىمەن. 12
قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، باشقا يەردىكى ئەللىكلەرنىڭ ئارىسىدا خىزمىتىم مېۋە بەرگەندەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ خىزمىتىمنىڭ مېۋە بېرىشى ئۈچۈن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم نىيەت قىلدىم، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كېلىۋاتىمەن. 13
مەن ھەرقانداق ئادەملەرگە، مەيلى يۇنانلىقلار ۋە يات تائىپىلەرگە، دانىشمەن ۋە نادانلارغا بولسۇن، ھەممىسىگە قەرزدارمەن. 14
شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمكانىيەت ماڭا يار بەرسىلا مەن رىمدىكى سىلەرگىمۇ خۇش خەرۋەرنى يەتكۈزۈپ بايان قىلىشقا قىزغىنمەن. 15
چۈنكى مەن مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەردىن ھەرگىز خىجىل بولمايمەن! چۈنكى ئۇ ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارنى، ئاندىن كېيىن گرېكلەرنى نىجاتقا ئېرىشتۈرىدىغان خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر! 16
چۈنكى [خۇش خەۋەردە] ئېتىقادقا ئاساسلانغان، خۇدانىڭ بىرخىل ھەققانىيلىقى ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ۋەھىي قىلىنغاندۇر. [مۇقەددەس يازمىلاردا] يېزىلغىنىدەك: ــ «ھەققانىي ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادى بىلەن ھايات بولىدۇ». 17
چۈنكى ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن ھەقىقەتنى باسىدىغان ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىپلاسلىقىغا ۋە ھەققانىيەتسىزلىكىگە نىسبەتەن خۇدانىڭ قاراتقان غەزىپى ئەرشتىن ئوچۇق ۋەھىي قىلىنماقتا. 18
چۈنكى ئىنسانلار خۇدا توغرىسىدا بىلەلەيدىغان ئىشلار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ھەممىنى ئۇلارغا ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن 19
(چۈنكى دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرۈلمەكتە، شۇنداقلا بۇنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار ھېچ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ) (aïdios g126) 20
ــ چۈنكى ئىنسانلار خۇدانى بىلسىمۇ، ئۇنى خۇدا دەپ ئۇلۇغلىمىدى، ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتمىدى؛ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرى بىمەنە بولۇپ، نادان قەلبى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. 21
ئۆزلىرىنى دانىشمەن قىلىپ كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئەقىلسىز بولۇپ چىقتى؛ 22
چىرىماس خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ ئورنىغا چىرىپ ئۆلىدىغان ئادەمزاتقا، ئۇچار-قاناتلارغا، تۆت ئاياغلىق ھايۋانلارغا ۋە يەر بېغىرلىغۇچىلارغا ئوخشايدىغان بۇتلارنى ئالماشتۇرۇپ قويغانىدى. 23
شۇڭا خۇدا ئۇلارنى قەلبىدىكى شەھۋانىي ھەۋەسلىرى بىلەن ئىپلاسلىق قىلىشقا، شۇنداقلا بىر-بىرىنىڭ تەنلىرىنى نومۇسقا قالدۇرۇشقا قويۇپ بەردى. 24
ئۇلار خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى يالغانغا ئايلاندۇردى، ياراتقۇچىنىڭ ئورنىغا يارىتىلغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ، تاۋاپ-تائەت قىلغانىدى. ھالبۇكى، ياراتقۇچىغا تەشەككۈر-مەدھىيە مەڭگۈگە ئوقۇلماقتا! ئامىن! (aiōn g165) 25
مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى پەسكەش شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە قويۇپ بەردى. ھەتتا ئاياللارمۇ تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتنى غەيرىي مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇردى؛ 26
شۇنىڭدەك، ئەرلەرمۇ ئاياللار بىلەن بولىدىغان تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتلەرنى تاشلاپ، باشقا ئەرلەرگە شەھۋانىي ھەۋەسلەر بىلەن كۆيۈپ پىشىدىغان بولدى. ئەرلەر ئەرلەر بىلەن شەرمەندىلىككە كىرىشتى ۋە نەتىجىدە ئۇلارنىڭ مۇخالىپ قىلمىشلىرى ئۆز بېشىغا چىقتى. 27
ئۇلار خۇدانى بىلىشتىن ۋاز كېچىشنى لايىق كۆرگەنلىكى تاللىغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى بۇزۇق نىيەتلەرگە ۋە نالايىق ئىشلارنى قىلىشقا قويۇپ بەردى. 28
ئۇلار ھەرخىل ھەققانىيەتسىزلىك، رەزىللىك، نەپسانىيەتچىلىك، ئۆچمەنلىككە چۆمۈپ، ھەسەتخورلۇق، قاتىللىق، جېدەلخورلۇق، مەككارلىق ۋە ھەرخىل بەتنىيەتلەر بىلەن تولدى. ئۇلار ئىغۋاگەر، 29
تۆھمەتخور، خۇداغا نەپرەتلىنىدىغان، كىبىرلىك، ماختانچاق، چوڭچى، ھەرخىل رەزىللىكلەرنى ئويلاپ چىقىرىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، 30
يورۇتۇلمىغان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، كۆيۈمسىز ۋە رەھىمسىز ئىنسانلاردۇر. 31
ئۇلار خۇدانىڭ شۇلارغا بولغان ئادىل ھۆكۈمىنى، يەنى شۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ ئۆلۈمگە لايىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلسىمۇ، بۇ ئىشلارنى ئۆزلىرى قىلىپلا قالماي، بەلكى شۇنداق قىلىدىغان باشقىلاردىن سۆيۈنۈپ ئۇلارنى ئالقىشلايدۇ. 32

< رىملىقلارغا 1 >