< رىملىقلارغا 11 >

ئۇنداقتا، شۇنى سورايمەنكى: ــ خۇدا ئۆز خەلقىدىن ۋاز كەچتىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! مەنمۇ ئىبراھىم ئەۋلادىدىن، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئىسرائىلغۇ! 1
خۇدا ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەن ئۆز خەلقىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. مۇقەددەس يازمىلاردا ئىلياس [پەيغەمبەر] ھەققىدە نېمە دېيىلگەنلىكى سىلەرگە ئايان ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئىسرائىللاردىن ئازار چېكىپ خۇداغا يېلىنىپ: ــ 2
«ئى پەرۋەردىگار، ئۇلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى ئۆلتۈرۈشتى، قۇربانگاھلىرىڭنى چېقىشتى. پەقەت ئۆزۈم يالغۇزلا قالدىم، ئۇلار يەنە مېنىڭمۇ جېنىمنى ئالماقچى بولۇشۇۋاتىدۇ»، دېگەن. 3
خۇدانىڭ ئۇنىڭغا قايتۇرغان كالامى قانداق بولدى؟ ئۇ: «بائالغا تىز پۈكمىگەن يەتتە مىڭ ئادەمنى ئۆزۈمگە ئېلىپ قالدىم» ــ دېگەن. 4
خۇددى شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇدانىڭ شاپائىتى بىلەن [ئىسرائىلدىن] ئۆزى تاللىغان بىر «قالدى» بار. 5
[ئۇلارنىڭ تاللىنىشى] شاپائەت بىلەن بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆزلىرىنىڭ ئەجىر-ئەمىلى بىلەن بولغان ئەمەس. ئەمەللەردىن بولغان بولسا، شاپائەت شاپائەت بولماي قالاتتى. 6
نەتىجىدە قانداق بولدى؟ ئىسرائىللار ئىزدىگىنىگە ئېرىشەلمىدى، لېكىن ئۇلاردىن تاللانغانلار ئېرىشتى. قالغانلارنىڭ بولسا، كۆڭۈللىرى بىخۇدلاشتۇرۇلدى. 7
خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: ــ «خۇدا ئۇلارنىڭ روھ-قەلبىنى غەپلەتكە سالدى، بۈگۈنگە قەدەر كۆزلىرىنى كۆرمەس، قۇلاقلىرىنى ئاڭلىماس قىلدى». 8
شۇنىڭدەك داۋۇت [پەيغەمبەرمۇ] مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ داستىخىنى ئۆزلىرىگە قاپقان ۋە تۇزاق بولۇپ، ئۇلارنى پۇتلاشتۇرۇپ، قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرسۇن! 9
كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، كۆرەلمىسۇن؛ بەللىرىنى مەڭگۈ رۇسلاتماي پۈكۈلدۈرگەيسەن!» 10
ئۇنداقتا، شۇنىمۇ سورايكى: [ئىسرائىللار] يىقىلىپ قايتىدىن تۇرغۇزۇلماسلىققا پۇتلاشقانمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! لېكىن ئۇلارنىڭ تېيىلىپ ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن نىجات يات ئەللىكلەرگە يەتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت ئىسرائىللارنى ھەسەتكە قوزغاشتىن ئىبارەتتۇر. 11
ئەمدى ئۇلارنىڭ تېيىلىپ ئىتائەتسىزلىك قىلىشى دۇنياغا ئاسايىشلىق بەخش ئەتكەن بولسا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ زىيان تارتقىنى ئەللەرنى بېيىتقان بولسا، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تولۇق نىجاتلىققا ئېرىشىشى دۇنياغا تېخىمۇ زور بەخت ئېلىپ كەلمەمدۇ؟! 12
ئەمدى سىلەر ئەللىكلەرگە سۆزلەۋاتىمەن؛ مەن ئەللىكلەرگە روسۇل سۈپىتىدە بېكىتىلگەندىن كېيىن، ۋەزىپەمنى شان-شەرەپلىك دەپ ئۇلۇغلايمەنكى، 13
جانجىگەرلىرىم بولغانلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قۇتۇلدۇرارمەنمىكىن دېگەن ئۈمىدتە بولىمەن. 14
چۈنكى ئۇلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دۇنيادىكى ئەللەرنى خۇدا بىلەن ئىناقلاشتۇرۇش بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولماي نېمە؟ 15
ھوسۇلدىن تۇنجى بولۇپ چىققان خېمىردىن بىر كاللىكى مۇقەددەس ھېسابلانسا، پۈتۈن خېمىر مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىدۇ. دەرەخنىڭ يىلتىزى مۇقەددەس بولسا، شاخلىرىمۇ مۇقەددەس بولىدۇ. 16
زەيتۇن دەرىخىنىڭ بىرنەچچە شېخى دەرۋەقە سۇندۇرىۋېتىلگەنىدى، ۋە سەن ياۋا زەيتۇن كۆچىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇلاندىڭ. مانا ئەمدى دەرەخ يىلتىزىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، مول شىرنىسىدىن بەھرىمەن بولغۇچى بولغانىكەنسەن،. 17
ئەمدى سۇندۇرۇۋېتىلگەن ئاشۇ شاخلاردىن ئۆزۈڭنى ئۈستۈن قىلىپ ماختانما. ماختانساڭ، شۇنى ئۇنتۇمىغىنكى، سەن يىلتىزنى ئەمەس، يىلتىز سېنى كۆتۈرۈپ قۇۋۋەتلەۋاتىدۇ. 18
سەن ئەمدى: «شاخلار مېنىڭ ئۇلىنىشىم ئۈچۈن سۇندۇرىۋېتىلدى» ــ دېيىشىڭ مۇمكىن. 19
توغرا، ئۇلار ئېتىقادسىزلىقتىن سۇندۇرۇلدى؛ سەن بولساڭ، ئېتىقادىڭ بىلەن تىك تۇرىسەن؛ بىراق ئۇنىڭدىن مەغرۇرلانما، ئەكسىچە [خۇدادىن] قورق! 20
چۈنكى خۇدا ئەينى ۋاقتىدا بۇ دەرەخنىڭ ئۆز شاخلىرىنى ئايىمىغانىكەن، سېنىمۇ ئايىماسلىقى مۇمكىن. 21
مانا، [بۇ ئىشلاردا] خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىغا ھەمدە قاتتىق قول ئىكەنلىكىگە قارا. ئۇ ئۆز يولىدىن يىقىلىپ چۈشكەنلەرگە قاتتىق قول ئىدى، لېكىن ساڭا (مېھرىبانلىقىدا داۋاملىق تۇرساڭلا) مېھرىبانلىق كۆرسەتمەكتە. ئۇنداق بولمىغاندا، سەنمۇ كېسىپ تاشلىنىسەن. 22
[يەھۇدىيلارمۇ] ئېتىقادسىزلىقتا چىڭ تۇرىۋالمىسا، ئەسلىدىكى دەرەخكە ئۇلىنىدۇ. چۈنكى خۇدا ئۇلارنى قايتا ئۇلاشقا قادىردۇر. 23
چۈنكى ئەگەر سەن ياۋا زەيتۇن دەرىخىدىن كېسىپ ئېلىنىپ، تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا [باغدىكى] ياخشى زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغان يەردە، ئەسلىدىكى بۇ تەبىئىي شاخلارنىڭ ئۆز دەرىخىكە ئۇلىنىشى تېخىمۇ مۇمكىنغۇ؟! 24
قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى ئۈستۈن ۋە ئەقىللىق چاغلاشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ۋەھىي قىلىنغان شۇ سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەنكى، تا [خۇدا تاللىغان] يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە، ئىسرائىلنىڭ بىر قىسمى تاش يۈرەكلىككە قالدۇرۇلىدۇ؛ 25
ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: ــ «قۇتقۇزغۇچى زىئوندىن كېلىپ، ئىپلاسلىقنى ياقۇپتىن يوق قىلىدۇ. 26
مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلىۋەتكىنىمدە، مانا بۇ ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم بولىدۇ». 27
ئەمدى خۇش خەۋەر جەھەتتىن قارىغاندا، سىلەرنىڭ بەختىڭلار ئۈچۈن يەھۇدىي خەلقى [خۇش خەۋەرگە] دۈشمەن قىلىپ بېكىتىلگەن؛ بىراق خۇدانىڭ تاللىشى جەھەتتىن قارىغاندا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز سەۋەبىدىن سۆيۈلگەندۇر. 28
چۈنكى خۇدا ئۆزى بەرگەنلىرىنى ۋە چاقىرىقىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ. 29
سىلەر ئەللىكلەرمۇ بىر چاغلاردا خۇداغا ئىتائەت قىلمىغان بولساڭلارمۇ، [يەھۇدىيلارنىڭ] ئىتائەتسىزلىكىنىڭ نەتىجىسىدە ھازىر رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتىڭلار. 30
يەھۇدىيلار بولسا ئىتائەت قىلماي كېلىۋاتىدۇ؛ [خۇدانىڭ] بۇنىڭدىكى مەقسىتى، سىلەرگە كۆرسەتكەن رەھىم-شەپقەت ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. 31
چۈنكى خۇدا پۈتكۈل ئىنسانغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەممەيلەننى ئىتائەتسىزلىككە سولاپ قويدى. (eleēsē g1653) 32
ــ ئاھ! خۇدانىڭ دانالىقى ۋە ئىلىم-ھېكمىتىنىڭ بىباھا بايلىقلىرى ھەم ھېسابسىز چوڭقۇرلۇقى! ئۇنىڭ ھۆكۈمىلىرىنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولماس! ئۇنىڭ يوللىرى ئىزدەپ تېپىشتىن شۇنچە يىراقتۇر! 33
«كىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-مۇددىئالىرىنى چۈشىنىپ يەتتى؟ كىممۇ ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولالىدى؟» 34
«ئۇنىڭغا كىم ئاۋۋال بىر نەرسە بېرىپ، كېيىن ئۇنى قايتۇرۇپ بەر دېيەلىدى؟». 35
چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدىن كەلگەن، ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. [بارلىق] شان-شەرەپ ئەبەدگىچە ئۇنىڭغا بولغاي! ئامىن. (aiōn g165) 36

< رىملىقلارغا 11 >