< ۋەھىي 5 >

ئاندىن تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدا ئىچ ۋە تاش تەرىپىگە خەت پۈتۈلگەن ۋە يەتتە مۆھۈر بىلەن پېچەتلەنگەن بىر ئورام يازمىنى كۆردۈم. 1
يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئورام يازمىنى ئېچىپ، پېچەتلەرنى يېشىشكە كىم لايىقتۇر؟» دەپ توۋلىغان قاۋۇل بىر پەرىشتىنىمۇ كۆردۈم. 2
لېكىن نە ئەرشتە نە يەر يۈزىدە نە يەر ئاستىدا ئورام يازمىنى ئاچالايدىغان ياكى ئىچىگە قارىيالايدىغان ھېچكىم چىقمىدى. 3
ئورام يازمىنى ئېچىشقا ياكى ئىچىگە قاراشقا لايىق بىرەرسى تېپىلمىغاچقا، قاتتىق يىغلىۋەتتىم. 4
ئاندىن ئاقساقاللاردىن بىرى ماڭا: ــ يىغلىما! قارا، يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان شىر ــ داۋۇتنىڭ يىلتىزى بولغۇچى غەلىبە قىلدى؛ شۇڭا ئورام يازمىنى ۋە ئۇنىڭ يەتتە پېچىتىنى ئېچىشقا ئۇ قادىر، ــ دېدى. 5
ئاندىن قارىسام، تەخت بىلەن تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ئارىلىقىدا، ئاقساقاللار ئوتتۇرىسىدا بىر قوزا ئۆرە تۇراتتى. ئۇ يېڭىلا بوغۇزلانغاندەك قىلاتتى؛ ئۇنىڭ يەتتە مۈڭگۈزى ۋە يەتتە كۆزى بولۇپ، بۇ كۆزلەر خۇدانىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن يەتتە روھى ئىدى. 6
قوزا بېرىپ، تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدىن ئورام يازمىنى ئالدى. 7
يازمىنى ئالغاندا، تۆت ھايات مەخلۇق ۋە يىگىرمە تۆت ئاقساقال قوزىنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ چىلتارى ۋە خۇشبۇي بىلەن تولغان ئالتۇن چىنىلىرى بار ئىدى (بۇ خۇشبۇي مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ دۇئالىرى ئىدى). 8
ئۇلار يېڭى بىر كۈي ئېيتىشتى: ــ «ئورام يازمىنى ئېلىشقا، ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن؛ چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر ئەلدىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن سېتىۋېلىپ، خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ. 9
ئۇلارنى خۇدايىمىز ئۈچۈن بىر پادىشاھلىققا ئۇيۇشتۇرۇپ، كاھىنلار قىلدىڭ. ئۇلار يەر يۈزىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ». 10
ئاندىن كۆردۈم ۋە مانا، تەختنىڭ، ھايات مەخلۇقلارنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ سانى تۈمەن مىڭ-تۈمەن مىڭ، مىليون-مىليون ئىدى. 11
ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ «بوغۇزلانغان قوزا قۇدرەت، دۆلەت، دانالىق، كۈچ-قۇۋۋەت، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىگە لايىقتۇر» دېيىشەتتى. 12
ئاندىن مەن ئەرش، يەر يۈزى، يەر ئاستى ۋە دېڭىزدىكى ھەربىر مەخلۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بار بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ: ــ «تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا مەدھىيە، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە ھوقۇق-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. (aiōn g165) 13
تۆت ھايات مەخلۇق «ئامىن!» دەپ جاۋاب قايتۇراتتى، ئاقساقاللار يەرگە يىقىلىپ سەجدە قىلاتتى. 14

< ۋەھىي 5 >