< ۋەھىي 2 >

ــ ئەفەسۇستىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: «ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇزنى تۇتۇپ، يەتتە ئالتۇن چىراغداننىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭغۇچى مۇنداق دەيدۇ: 1
Och skrif den församlings Ängel i Epheso: Detta säger han, som hafver sju stjernor i sine högra hand, den der vandrar midt ibland de sju gyldene ljusastakar.
ــ سېنىڭ ئەجىر-ئەمەللىرىڭنى، تارتقان جاپالىرىڭنى ھەم سەۋر-تاقىتىڭنى، رەزىل ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى، شۇنداقلا روسۇل بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى روسۇل دەپ ئاتىۋالغانلارنى سىناپ، ئۇلارنىڭ يالغانچى بولغانلىقىنى تونۇغانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن. 2
Jag vet dina gerningar, och ditt arbete, och ditt tålamod, och att du icke må lida de onda, och hafver försökt dem som säga att de äro Apostlar, och äro dock icke, och hafver befunnit dem ljugare.
شۇنداق، سېنىڭ سەۋر-تاقەت قىلىۋاتقانلىقىڭنى، مېنىڭ نامىم ۋەجىدىن جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بەرگەنلىكىڭنى ئەمما ئېرىنمىگەنلىكىڭنى بىلىمەن. 3
Och du lider och hafver tålamod, och arbetar för mitt Namns skull, och är icke trött vorden.
لېكىن ساڭا شۇ بىر ئېتىرازىم باركى، سەن ئۆزۈڭدىكى دەسلەپكى مېھىر-مۇھەببەتتىن ۋاز كەچتىڭ. 4
Men jag hafver emot dig, att du den första din kärlek öfvergifvit hafver.
شۇڭا قايسى ھالەتتىن يىقىلىپ چۈشكەنلىكىڭنى ئېسىڭگە ئېلىپ توۋا قىلغىن، ئاۋۋالقى ئەمەللەرنى قايتا قىلغىن. بولمىسا يېنىڭغا كېلىمەن ۋە توۋا قىلمىساڭ چىراغدېنىڭنى جايىدىن يۆتكىۋېتىمەن. 5
Betänk derföre hvaraf du fallen äst, och bättra dig, och gör de första gerningarna; hvar det icke sker, då varder jag dig snarliga kommandes, och skall bortstöta din ljusastaka af sitt rum, utan du bättrar dig.
بىراق، سېنىڭ شۇ ئارتۇقچىلىقىڭ باركى، مەن ئۆزۈم نەپرەتلىنىدىغان نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىدىن سەنمۇ نەپرەتلىنىسەن. 6
Men detta hafver du, att du hatar de Nicolaiters verk, hvilka jag ock hatar.
قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلارنى خۇدانىڭ جەننىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدىن يېيىشكە مۇيەسسەر قىلىمەن». 7
Den der öra hafver, han höre hvad Anden säger församlingarna: Den der vinner, honom vill jag gifva äta af lifsens trä, som är i Guds Paradis.
ــ ئىزمىردىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ «ئاۋۋالقىسى ۋە ئاخىرقىسى، ئۆلگەن ۋە تىرىلگۈچى مۇنداق دەيدۇ: 8
Och skrif den församlings Ängel i Smirnen: Detta säger den förste och den siste, den död var, och är lefvandes vorden:
ــ سېنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ۋە نامراتلىقىڭنى بىلىمەن (لېكىن سەن باي!)، يەھۇدىي ئەمەس تۇرۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغان، شەيتاننىڭ بىر سىناگوگى بولغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنىمۇ بىلىمەن. 9
Jag vet dina gerningar och din bedröfvelse, och din fattigdom (men du äst rik), och hädelse af dem som sig säga vara Judar, och äro icke, utan äro Satans hop.
ئالدىڭدا چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. مانا، ئىبلىس ئاراڭلاردىن بەزىلىرىڭلارنى سىنىلىشىڭلار ئۈچۈن يېقىندا زىندانغا تاشلىتىدۇ. سىلەر ئون كۈن قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە سادىق بولغىن، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن. 10
Frukta intet för något, som du lida skall. Si, djefvulen skall kasta några af eder i fängelse, på det I skolen försökte varda, och hafva bedröfvelse i tio dagar. Var trofast intill döden, så skall jag gifva dig lifsens krono.
قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلار ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ زىيىنىغا ھەرگىز ئۇچرىمايدۇ!». 11
Den der öra hafver, han höre hvad Anden säger församlingarna. Den der vinner, han skall ingen skada få af den andra döden.
ــ پەرگامۇمدىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ «ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر قىلىچى بار بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: 12
Och skrif den församlings Ängel i Pergamen: Detta säger han, som hafver det skarpa tveeggade svärdet:
ــ مەن سەن ئولتۇرغان يەرنى، يەنى شەيتاننىڭ تەختى بولغان جاينى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، سەن مېنىڭ نامىمنى چىڭ تۇتۇپ، ھەتتا سادىق گۇۋاھچىم ئانتىپاس ماكانىڭدا، يەنى شەيتان تۇرغان جايدا قەتل قىلىنغان كۈنلەردىمۇ، ماڭا قىلغان ئېتىقادىڭدىن تېنىپ كەتمىدىڭ. 13
Jag vet dina gerningar, och hvar du bor, att der Satans säte är; och du håller mitt Namn, och hafver icke nekat mina tro; och i de dagar är Antipas, mitt trogna vittne, dödader när eder, der Satan bor.
لېكىن ساڭا شۇ بىرنەچچە ئېتىرازىم باركى، ئاراڭلاردا بالائامنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەردىن بەزىلەر بولماقتا ــ بالائام بولسا بالاققا ئىسرائىللارنى بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان گۆشنى يېيىش ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇق قىلىشقا ئازدۇرۇشنى ئۆگەتكەنىدى. 14
Men jag hafver något litet emot dig; ty du hafver der dem, som hålla Balaams lärdom, hvilken lärde genom Balak åstadkomma förargelse för Israels barn, till att äta af det afgudom offradt var, och bedrifva boleri;
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ تەلىمىنى تۇتقانلارمۇ بار. 15
Så hafver du ock dem, som hålla de Nicolaiters lärdom, hvilket jag hatar.
شۇنىڭ ئۈچۈن، توۋا قىل! ئۇنداق قىلمىساڭ، يېنىڭغا تېز ئارىدا بېرىپ، ئاغزىمدىكى قىلىچىم بىلەن شۇلارغا ھۇجۇم قىلىمەن. 16
Bättra dig; annars skall jag dig snarliga komma, och skall strida med dem, med mins muns svärd.
قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلار بولسا يوشۇرۇپ قويغان ماننادىن بېرىمەن ۋە ھەربىرىگە بىردىن ئاق تاش بېرىمەن. تاش ئۈستىدە يېڭى بىر ئىسىم پۈتۈكلۈك بولىدۇ، شۇ ئىسىمنى ئۇنى قوبۇل قىلغان كىشىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ». 17
Den der öra hafver, han höre hvad Anden säger församlingarna. Den der vinner, honom vill jag gifva äta af det fördolda Manna, och vill gifva honom ett godt vittnesbörd, och med det vittnesbörd ett nytt namn beskrifvet, det ingen känner, utan den det får.
ــ تىياتىرادىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ «كۆزلىرى يالقۇنلىغان ئوتقا ۋە پۇتلىرى پارقىراق تۇچقا ئوخشايدىغان خۇدانىڭ ئوغلى مۇنداق دەيدۇ: 18
Ock skrif den församlings Ängel i Thyatira: Detta säger Guds Son, som ögon hafver såsom eldslåge, och hans fötter lika som messing;
ــ سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنى، ئېتىقادىڭنى، ئەجىر-خىزمىتىڭنى ۋە سەۋر-تاقىتىڭنى، شۇنداقلا ھازىرقى ئەمەللىرىڭنىڭ ئاۋۋالقىدىن ئېشىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىمەن. 19
Jag vet dina gerningar, och din kärlek, och dina tjenst, och dina tro, och ditt tålamod, och dina gerningar, de sista flere än de första.
لېكىن، ساڭا شۇ بىر ئېتىرازىم باركى، ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان ئاشۇ خوتۇن يىزەبەلگە يول قويۇۋاتىسەن. ئۇ خوتۇن قۇل-خىزمەتكارلىرىمغا تەلىم بېرىپ، ئۇلارنى جىنسىي بۇزۇقلۇق قىلىشقا ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ئازدۇرماقتا. 20
Men jag hafver något litet emot dig, att du tillstädjer den qvinnan Jesabel, som säger att hon är en Prophetissa, lära och bedraga mina tjenare, bedrifva boleri, och äta af det afgudom offradt är.
مەن ئۇنىڭغا توۋا قىلغۇدەك ۋاقىت بەرگەنىدىم، لېكىن ئۇ ئۆز بۇزۇقلۇقىغا توۋا قىلىشنى خالىمايدۇ. 21
Och jag hafver gifvit henne tid, att hon skulle bättra sig af sitt boleri; och hon hafver intet bättrat sig.
ئەمدى مانا، مەن ئۇنى [ئېغىر كېسەل] ئورنىغا تاشلاپ ياتقۇزىمەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغانلار قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىسا، ئۇلارنىمۇ ئېغىر ئازابقا چۆمدۈرىمەن. 22
Si, jag skall lägga henne i sängena; och de som med henne hor bedrifva, skola komma uti aldrastörsta bedröfvelse, om de icke bättra sig af sina gerningar.
ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ ئەجەللىك كېسەل بىلەن ئۇرىمەن. شۇ چاغدا، بارلىق جامائەتلەر نىيەت-نىشانلارنى ۋە قەلبلەرنى كۆزىتىپ تەكشۈرگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى، شۇنداقلا مېنىڭ ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىدىغانلىقىمنى بىلىدۇ. 23
Och hennes barn skall jag dräpa; och alla församlingar skola veta, att jag är den som ransakar njurar och hjerta; och skall gifva hvarjom och enom af eder efter hans gerningar.
لېكىن، تىياتىرادىكى قالغانلارغا، يەنى بۇ تەلىمنى قوبۇل قىلمىغانلار (ئۇلارنىڭ پىكرى بويىچە، شەيتاننىڭ ئاتالمىش «چوڭقۇر سىرلىرى»نى ئۆگەنمىگەنلەر)، يەنى سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى: ئۆزۈڭلاردا بار بولغاننى مەن كەلگۈچە چىڭ تۇتۇڭلار. ئۈستۈڭلارغا بۇنىڭدىن باشقا يۈكنى ئارتمايمەن. 24
Men eder säger jag, och androm som i Thyatira ären, som icke hafva sådana lärdom, och icke hafva förstått Satans djuphet, såsom de säga: Jag skall icke lägga på eder några andra bördo.
25
Dock hvad I hafven, det håller, så länge jag kommer.
غەلىبە قىلغۇچىلارغا، يەنى ئەمەللىرىمنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتقان كىشىلەرگە بولسا، ئۇلارغا پۈتكۈل ئەللەرگە ھاكىم بولۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن. 26
Och den der vinner, och håller min verk intill ändan, honom skall jag gifva magt öfver Hedningarna;
مانا بۇ ئاتام ماڭا بەرگەن ھوقۇققا ئوخشاش ھوقۇقتۇر: ــ «ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن پادىچىدەك باشقۇرۇپ، ساپال قاچىلارنى ئۇرۇپ چاققاندەك تارمار قىلىدۇ». 27
Och han skall regera dem med jernris; och han skall sönderkrossa dem såsom en pottomakares käril;
مەن ئۇنىڭغا تاڭ يۇلتۇزىنىمۇ ئاتا قىلىمەن. 28
Såsom jag ock fått hafver af minom Fader, och vill gifva honom morgonstjernona.
قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!» 29
Den der öra hafver, han höre hvad Anden säger församlingarna.

< ۋەھىي 2 >