< ۋەھىي 17 >

يەتتە چىنىسى بار يەتتە پەرىشتىنىڭ بىرى كېلىپ، ماڭا سۆزلەپ: ــ بۇ يەرگە كەل، نۇرغۇن سۇلار ئۈستىدە ئولتۇرغان چوڭ پاھىشە ئايالنىڭ تارتىدىغان جازاسىنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياي. 1
يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدى، يەر يۈزىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇزۇقلۇقىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، ــ دېدى. 2
شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرىشتە مېنى روھنىڭ ئىلكىدىكى ھالەتتە بىر چۆلگە ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، پۈتۈن ئەزايىنى كۇپۇرلۇق ناملىرى قاپلىغان بىر توق قىزىل دىۋىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆردۈم. 3
ئايال سۆسۈن ۋە توق قىزىل كىيىم كىيگەن بولۇپ، ئالتۇن، قىممەتلىك ياقۇت ۋە مەرۋايىتلار بىلەن پەردازلانغانىدى. قولىدا يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىقلار ۋە ئۆز بۇزۇقلۇقىنىڭ نىجاسەتلىرى بىلەن تولغان بىر ئالتۇن قەدەھ بار ئىدى. 4
پېشانىسىگە بىر سىر ــ «كاتتا بابىل، پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىقلارنىڭ ئانىسى» دېگەن نام پۈتۈكلۈك ئىدى. 5
مەن ئايالنىڭ مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ قېنى ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ تولىمۇ تەئەججۈپ قىلىپ ئىنتايىن ھەيران قالدىم. 6
پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «نېمىگە ھەيران قالدىڭ؟ ئايالنىڭ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرغان يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك دىۋىنىڭ سىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي. 7
سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق؛ ئۇزۇن ئۆتمەي تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ. يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار ــ دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ئىسىملىرى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ. (Abyssos g12) 8
مانا بۇنى چۈشىنىشكە لازىم بولغان ھېكمەت: ــ يەتتە باش بولسا ئۇ ئايال ئولتۇرغان يەتتە تاغقا، شۇنداقلا يەتتە پادىشاھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 9
بۇلارنىڭ بەشى يىقىلغان، بىرسى بار، يەنە بىرى تېخى كەلمىدى. ئۇ كەلگەندە پەقەت ئازلا ۋاقىت تۇرالايدۇ. 10
بۇرۇن بار بولغان، ئەمدى ھازىر يوق بولغان دىۋىنىڭ ئۆزى سەككىزىنچى پادىشاھدۇر، شۇنداقلا ئۇ ھەم يەتتىسىدىن بىرى بولۇپ ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ. 11
سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ئون پادىشاھدۇر. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقلىرى تېخى يوق، ئەمدى ئۇلارغا دىۋە بىلەن بىللە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ. 12
بۇ پادىشاھلار بىر ئوي، بىر نىيەتتە بولۇپ ئۆز قۇدرىتى ۋە ھوقۇقلىرىنى دىۋىگە بېرىشىدۇ. 13
دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغانلار بولسا چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر». 14
پەرىشتە ماڭا يەنە: ــ پاھىشە ئايال ئۈستىدە ئولتۇرغان، سەن كۆرگەن سۇلار بولسا مىللەتلەر، ئۆزئارا توپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەر، ئەللەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەردۇر. 15
سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ۋە دىۋە بۇ پاھىشە ئايالدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنى تالان-تاراج قىلىپ يالىڭاچلاپ قويىدۇ، ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ، ئۆزىنى ئوتتا كۆيدۈرىدۇ. 16
چۈنكى خۇدا ئۆز سۆز-كالاملىرى ئەمەلگە ئاشقۇچە، ئاشۇ [ئون پادىشاھنىڭ] كۆڭلىگە ئۆز ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىپ، بىر قاراردا توختىشىپ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى دىۋىگە بېرىش نىيىتىنى سالدى. 17
سەن كۆرگەن ئايال يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كاتتا شەھەردۇر، ــ دېدى. 18

< ۋەھىي 17 >