< زەبۇر 99 >

پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! خەلقلەر تىترىسۇن! ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرىدۇ؛ يەر-جاھان زىلزىلىگە كەلسۇن! 1
پەرۋەردىگار زىئوندا بۈيۈكتۇر، ئۇ بارلىق خەلقلەر ئۈستىدە تۇرىدىغان ئالىيدۇر. 2
ئۇلار ئۇلۇغ ۋە سۈرلۈك نامىڭنى مەدھىيىلەيدۇ؛ ئۇ پاك-مۇقەددەستۇر! 3
پادىشاھنىڭ قۇدرىتى ئادالەتكە بېغىشلانغاندۇر؛ ئۆزۈڭ دۇرۇسلۇقنى مەھكەم ئورناتقانسەن؛ سەن ياقۇپ ئارىسىدا ئادالەت ۋە ھەققانىيەت يۈرگۈزگەن. 4
پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار! تەختىپەرى ئالدىدا ئېگىلىپ سەجدە قىلىڭلار ــ ئۇ مۇقەددەستۇر! 5
ئۇنىڭ كاھىنلىرى ئارىسىدا مۇسا ۋە ھارۇن بار ئىدى، نامىنى چاقىرغانلار ئىچىدە سامۇئىلمۇ ھازىر ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ، چاقىردى، ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بەردى. 6
خۇدا بۇلۇت تۈۋرۈكىدە ئۇلارغا سۆزلىدى؛ ئۇلار ئۇ تاپشۇرغان ئاگاھ-گۇۋاھلىقلارغا ھەم نىزام-بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشاتتى. 7
ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، سەن ئۇلارغا جاۋاب بەردىڭ؛ يامان قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بەرگەن بولساڭمۇ، سەن ئۇلارنى كەچۈرگۈچى ئىلاھ ئىدىڭ. 8
پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار! ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغىدا ئېگىلىپ سەجدە قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز مۇقەددەستۇر! 9

< زەبۇر 99 >