< زەبۇر 98 >

داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار؛ چۈنكى ئۇ كارامەت مۆجىزىلەرنى ياراتتى؛ ئۇنىڭ ئوڭ قولى ھەم مۇقەددەس بىلىكى ئۆزىگە زەپەر-نىجات كەلتۈردى. 1
پەرۋەردىگار ئۆز نىجاتلىقىنى ئايان قىلدى؛ ھەققانىيىتىنى ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارا كۆرسەتتى. 2
ئۇ ئىسرائىل جەمەتىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ھەم ھەقىقەت-ساداقىتىنى ئېسىگە ئالدى، زېمىننىڭ چەت-ياقىلىرىمۇ خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقىنى كۆردى. 3
پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، پۈتكۈل يەر يۈزى؛ تەنتەنە قىلىپ ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، ناخشا ئېيتىڭلار! 4
پەرۋەردىگارغا چىلتار چېلىپ ناخشا ئېيتىڭلار، چىلتار بىلەن، كۈينىڭ ساداسى بىلەن! 5
كاناي ھەم سۇناي ئاۋازلىرى بىلەن، پادىشاھ بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا تەنتەنە قىلىڭلار؛ 6
دېڭىز-ئوكيان ھەم ئۇنىڭغا تولغان ھەممە جۇش ئۇرۇپ، جاھان ھەم ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلار شاۋقۇنلىسۇن! 7
كەلكۈن-تاشقىنلار چاۋاك چالسۇن؛ پەرۋەردىگار ئالدىدا تاغلار قوشۇلۇپ تەنتەنە قىلىپ ناخشا ئېيتسۇن؛ 8
چۈنكى مانا، ئۇ يەرنى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ؛ ئۇ ئالەمنى ئادىللىق بىلەن، خەلقلەرنى ئۆز ھەقىقەت-ساداقىتىدە سوراق قىلىدۇ. 9

< زەبۇر 98 >