< زەبۇر 97 >

پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! يەر-زېمىن خۇش بولسۇن، كۆپلىگەن ئاراللار شادلانسۇن! 1
بۇلۇتلار ۋە قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ ئەتراپىدىدۇر، ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەختىنىڭ ئۇلىدۇر؛ 2
ئۇنىڭ ئالدىدا ئوت يالقۇنى يۈرىدۇ، ئەتراپتىكى دۈشمەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ؛ 3
ئۇنىڭ چاقماقلىرى جاھاننى يورۇتتى، يەر بۇنى كۆرۈپ تىترەپ كەتتى؛ 4
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، پۈتكۈل زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ئالدىدا، تاغلار مومدەك ئېرىپ كېتىدۇ. 5
ئاسمانلار ئۇنىڭ ھەققانىيىتىنى جاكارلايدۇ، بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىدۇ. 6
ئويما ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار، بۇتلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇياتتا قالىدۇ. بارلىق ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار! 7
سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ سەۋەبىدىن، ئى پەرۋەردىگار، زىئون ئاڭلاپ شادلاندى، يەھۇدا قىزلىرى خۇش بولدى. 8
چۈنكى سەن پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدىكى ئەڭ ئالىيسىدۇرسەن؛ سەن بارلىق ئىلاھلاردىن نەقەدەر يۇقىرىدۇرسەن! 9
پەرۋەردىگارنى سۆيگەنلەر، يامانلىقتىن نەپرەتلىنىڭلار! ئۇ مۆمىن بەندىلىرىنىڭ جېنىدىن خەۋەر ئالىدۇ، رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن خالاس قىلىدۇ. 10
ھەققانىيلار ئۈچۈن نۇر، دىلى دۇرۇسلار ئۈچۈن شادلىق تېرىلغاندۇر؛ 11
پەرۋەردىگاردىن شادلىنىڭلار، ئى ھەققانىيلار، ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ تەشەككۈر ئېيتىڭلار! 12

< زەبۇر 97 >