< زەبۇر 95 >

كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنى ياڭرىتىپ كۈيلەيلى، نىجاتلىقىمىز بولغان قورام تېشىمىزغا تەنتەنە قىلايلى! 1
تەشەككۈرلەر بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلەيلى، ئۇنىڭغا كۈيلەر بىلەن تەنتەنە قىلايلى! 2
چۈنكى پەرۋەردىگار ــ بۈيۈك بىر ئىلاھتۇر، پۈتكۈل ئىلاھلار ئۈستىدىكى بۈيۈك بىر پادىشاھتۇر. 3
يەرنىڭ تەگلىرى ئۇنىڭ قولىدىدۇر، تاغلارنىڭ چوققىلىرىمۇ ئۇنىڭكىدۇر. 4
دېڭىز ئۇنىڭكى، ئۇ ئۇنى ياراتقان؛ قۇرۇقلۇقنى ئۇنىڭ قوللىرى شەكىللەندۈردى. 5
كېلىڭلار، ئۇنىڭغا باش ئۇرۇپ سەجدە قىلايلى، پەرۋەردىگار ياراتقۇچىمىز ئالدىدا تىز پۈكەيلى! 6
چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز بولساق ئۇنىڭ يايلىقىدىكى خەلق، ئۇنىڭ قولى باقىدىغان قويلارمىز. بۈگۈن، ئەگەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، 7
ئەينى چاغلاردا مەرىباھدا بولغاندەك، چۆل-باياۋاندىكى ماسساھدا بولغان كۈندەك، يۈرىكىڭلارنى جاھىل قىلماڭلار! 8
مانا شۇ يەردە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنى سىنىدى، ئىسپاتلىدى ھەم قىلغىنىمنى كۆردى. 9
مەن قىرىق يىل شۇ دەۋردىن بىزار بولۇپ: ــ «بۇلار كۆڭلىدە ئاداشقان بىر خەلقتۇر، مېنىڭ يوللىرىمنى ھېچ بىلىپ يەتمىگەن» ــ دېدىم. 10
شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ «ئۇلار ھەرگىز مېنىڭ ئارامگاھىمغا كىرمەيدۇ» ــ دېدىم. 11

< زەبۇر 95 >