< زەبۇر 94 >

ئى ئىتىقاملار ئالغۇچى تەڭرى، پەرۋەردىگار! ئى ئىنتىقاملار ئالغۇچى تەڭرى، پارلىغايسەن! 1
كۆتۈرۈلگىن، ئۆزۈڭنى كۆتۈرگىن، ئى جاھاننى سوراق قىلغۇچى، مەغرۇرلارغا جازاسىنى بەرگىن! 2
قاچانغىچە رەزىللەر، ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە رەزىللەر تەنتەنە قىلىپ يۈرىۋېرىدۇ؟ 3
قاچانغىچە ھاكاۋۇرلارچە سۆزلەپ ۋالاقشىيدۇ، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يوغان گەپ قىلىپ يۈرىدۇ؟ 4
ئۇلار خەلقىڭنى ئېزىدۇ، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ مىراسىڭغا جەبىر-جاپا سالماقتا. 5
تۇل ئايال ۋە غېرىپ-مۇساپىرلارنى قىرىپ، يېتىم-يېسىرلەرنى ئۆلتۈرۈپ: ــ 6
«ياھ كۆرمەيدۇ»، «ياقۇپنىڭ خۇداسى كۆڭۈل بۆلمەيدۇ»، ــ دەيدۇ. 7
سىلەر كۆڭۈل قويۇڭلار، ئى ئەلنىڭ ھاماقەتلىرى! ئەخمەقلەر، قاچان دانا بولىسىلەر؟ 8
قۇلاقنى تىكلىگۈچىنىڭ ئۆزى ئاڭلىمامدۇ؟ كۆزنى ياسىغۇچىنىڭ ئۆزى كۆرمەمدۇ؟ 9
ئەللەرنى تەربىيىلىگۈچى، ئىنسانغا ئەقىل-بىلىم ئۆگەتكۈچىنىڭ ئۆزى ئادەمنى ئەيىبلىمەمدۇ؟ 10
پەرۋەردىگار ئىنساننىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ تۇتامى يوقلۇقىنى بىلىدۇ. 11
سەن تەربىيىلىگەن ئادەم بەختلىكتۇر، ئى ياھ، يەنى سەن تەۋرات-قانۇنۇڭدىن ئەقىل ئۆگىتىدىغان كىشى بەختلىكتۇر! 12
شۇنداق قىلىپ، تاكى پاسىقلار ئۈچۈن ئورەك كولانغۇچە ــ سەن ئۇنى يامان كۈنلەردىن خاتىرجەم ساقلايسەن. 13
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى تەرك ئەتمەيدۇ، ياكى ئۆز مىراسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. 14
چۈنكى ھۆكۈم-پەرمان ھوقۇقى ھامان ئادالەتكە قايتىدۇ، بارلىق دىلى دۇرۇسلار بولسا، ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ. 15
مەن ئۈچۈن يامانلار بىلەن قارشىلىشىشقا كىم ئورنىدىن تۇرىدۇ؟ مەن ئۈچۈن قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن قارشىلىشىشىقا كىم مەيدانغا چىقىدۇ؟ 16
ئەگەر پەرۋەردىگار ماڭا ياردەمدە بولمىغان بولسا، جېنىم بالدۇر چىقىپ سۈكۈت دىيارىدا ياتار ئىدى. 17
ئايىغىم پۇتلىشاي دېگىنىدە، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مېنى يۆلىدى. 18
ئىچىمدىكى كۆپلىگەن غەم-ئەندىشىلەر ئارىسىدا، سېنىڭ تەسەللىلىرىڭ جېنىمنى سۆيۈندۈردى. 19
ئىنساپسىزلىقنى قانۇنغا ئايلاندۇرىدىغان، ئاچ كۆز ئولتۇرغان بىر تەخت، سەن بىلەن ئالاقىدە بولامدۇ؟ 20
ئۇلار ھەققانىيلارنىڭ جېنىغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىدۇ، بىگۇناھ قاننى تۆكىدىغان ھۆكۈملەرنى چىقارماقتا. 21
بىراق پەرۋەردىگار مېنىڭ ئېگىز قورغىنىم بولىدۇ؛ ھە، مېنىڭ خۇدايىم پاناھ قورام تېشىمدۇر. 22
ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز بېشىغا سالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ياۋۇزلۇقلىرى بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ، بەرھەق، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلار. 23

< زەبۇر 94 >