< زەبۇر 93 >

پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! ئۇ ھەيۋەتنى كىيىم قىلىپ كىيگەن؛ پەرۋەردىگار كىيىنگەن، ئۇ بېلىنى قۇدرەت بىلەن باغلىغان؛ بەرھەق، شۇڭا دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان، ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا. 1
سېنىڭ تەختىڭ قەدىمدىلا بەرپا قىلىنغان؛ سەن ئەزەلدىن بار بولغۇچىسەن! 2
كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى، ئى پەرۋەردىگار، كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى! كەلكۈن-تاشقىنلار ئۇرغۇچى دولقۇنلىرىنى يۇقىرى كۆتۈردى! 3
كۆپ سۇلارنىڭ شاۋقۇنلىرىدىن، دېڭىز-ئوكياندىكى قۇدرەتلىك دولقۇنلاردىن، ئۈستۈن تۇرغان پەرۋەردىگار قۇدرەتلىكتۇر! 4
سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ نېمىدېگەن ئىشەنچلىكتۇر! كۈنلەر يوق بولغۇچە، ئى پەرۋەردىگار، ئۆيۈڭگە پاك-مۇقەددەسلىك ئەبەدىلئەبەد راۋادۇر. 5

< زەبۇر 93 >