< زەبۇر 91 >

ئەڭ ئالىي بولغۇچىنىڭ مەخپىي جايىدا تۇرغۇچى، ھەممىگە قادىرنىڭ سايىسىدە ئارامخۇدا ياشايدۇ. 1
مەن پەرۋەردىگارنى: ــ «مېنىڭ باشپاناھىم، مېنىڭ قورغىنىم؛ مېنىڭ خۇدايىم، ئۇنىڭغا تايىنىمەن» ــ دەيمەن. 2
بەرھەق، ئۇ قىلتاقچىنىڭ توزىقىدىن سېنى قۇتۇلدۇرىدۇ، شۇم ۋابا-قازادىن ھەم خالاس ئېتىدۇ. 3
ئۇ پەيلىرى بىلەن سېنى ياپىدۇ؛ قاناتلىرى ئاستىدا پاناھ تاپىسەن؛ ئۇنىڭ ھەقىقىتى ساڭا قالقان ھەم ئىستىھكامدۇر. 4
سەن نە كېچىدىكى ۋەھىمىدىن، نە كۈندۈزى ئۇچۇۋاتقان ئوقتىن، 5
نە قاراڭغۇلۇقتا كەزگۈچى ۋابادىن، نە چۈش ۋاقتىدا ۋەيرانچىلىق قىلغۇچى ھالاكەتتىن قورقمايسەن. 6
سېنىڭ يېنىڭدا مىڭى يىقىلىپ، ئوڭ يېقىڭدا ئون مىڭى غۇلاپ چۈشسىمۇ، لېكىن بالا-قازا ساڭا يېقىنلاشمايدۇ. 7
سەن پەقەت كۆزلىرىڭ بىلەن بېقىپ، پاسىقلارغا بېرىلگەن جازانى كۆرىسەن. 8
پەرۋەردىگارنى پاناھىم دەپ بىلگىنىڭ ئۈچۈن، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى ماكان قىلغىنىڭ ئۈچۈن، 9
بېشىڭغا ھېچ پالاكەت چۈشمەيدۇ، ھېچ ۋابا چېدىرىڭغا يېقىنلاشمايدۇ. 10
ئۇ ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتكۈل يوللىرىڭدا سېنى ساقلايدۇ. 11
ئايىغىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. 12
شىر ۋە كوبرا يىلان ئۈستىدىن بېسىپ ئۆتىسەن، ئارسلان ۋە ئەجدىھانى دەسسەپ-چەيلەيسەن. 13
«ئۇ ماڭا مۇھەببىتىنى باغلىغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇنى قۇتۇلدۇرىمەن؛ ئۇ نامىمنى تەن ئالغىنى ئۈچۈن يۇقىرىدا ساقلايمەن. 14
ئۇ ماڭا نىدا قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن؛ ئېغىر كۈن ئۇنى باسقاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن؛ مەن ئۇنى خالاس قىلىپ، ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن. 15
ئۇزاق ئۆمۈر بىلەن ئۇنى قاندۇرىمەن، ھەم نىجاتلىقىمنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىمەن». 16

< زەبۇر 91 >