< زەبۇر 9 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «مۇت-لاببەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن سەن پەرۋەردىگارنى پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەدھىيەلەيمەن؛ مەن سېنىڭ قىلغان بارلىق كارامەتلىرىڭنى بايان قىلاي؛ 1
مەن سەندىن خۇشال بولۇپ شادلىنىمەن؛ سېنىڭ نامىڭنى ناخشا قىلىپ ئېيتىمەن، ئى ھەممىدىن ئالىي! 2
مېنىڭ دۈشمەنلىرىمنىڭ كەينىگە يېنىشلىرى بولسا، دەل ئۇلارنىڭ سېنىڭ دىدارىڭ ئالدىدا يىقىلىپ، يوقىلىشىدىن ئىبارەت بولىدۇ. 3
چۈنكى سەن مېنىڭ ھەققىم ھەم دەۋايىمنى سورىدىڭ؛ سەن تەختكە ئولتۇرۇپ، ھەققانىيلارچە سوتلىدىڭ. 4
سەن ئەللەرگە تەنبىھ بېرىپ، رەزىللەرنى ھالاك قىلدىڭ؛ سەن ئۇلارنىڭ نامىنى مەڭگۈگە ئۆچۈرۈۋەتكەنسەن. 5
ئى دۈشمىنىم! ھالاكەتلىرىڭ مەڭگۈلۈك بولدى! سەن شەھەرلىرىنى يۇلۇپ تاشلىۋەتتىڭ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ناملىرىمۇ يوقاپ كەتتى؛ 6
بىراق پەرۋەردىگار مەڭگۈگە ئولتۇرۇپ [ھۆكۈم سۈرىدۇ]؛ ئۇ ئۆز تەختىنى سوت قىلىشقا تەييارلاپ بېكىتكەن؛ 7
ئالەمنى ھەققانىيلىق بىلەن سوت قىلغۇچى ئۇدۇر؛ خەلقلەرنىڭ ئۈستىدىن ئۇ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ 8
ھەم ئۇ پەرۋەردىگار ئېزىلگۈچىلەرگە ئېگىز پاناھ، شۇنداقلا ئازابلىق كۈنلەردە ئېگىز پاناھدۇر. 9
نامىڭنى بىلگەنلەر بولسا ساڭا تايىنىدۇ؛ چۈنكى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭنى ئىزدىگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىغان ئەمەسسەن. 10
زىئوندا تۇرغۇچى پەرۋەردىگارغا كۈيلەرنى ياڭرىتىڭلار! ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا بايان قىلىڭلار؛ 11
چۈنكى [تۆكۈلگەن] قاننىڭ سورىقىنى قىلغۇچى ئۇدۇر، ئۇ دەل شۇنداق كىشىلەرنى ئەسلەيدۇ، خار قىلىنغانلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئۇ ئۇنتۇغان ئەمەس. 12
ماڭا شەپقەت كۆرسەتكىن، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ ئۆچمەنلەردىن كۆرگەن خورلۇقلىرىمغا نەزەر سالغىنكى، مېنى ئۆلۈم دەرۋازىلىرى ئالدىدىن كۆتۈرگەيسەن؛ 13
شۇنداق قىلغاندا مەن زىئون قىزىنىڭ دەرۋازىلىرىدا تۇرۇپ، ساڭا تەئەللۇق بارلىق مەدھىيىلەرنى جاكارلايمەن؛ مەن نىجاتلىق-قۇتقۇزۇشۇڭدا شادلىنىمەن. 14
ئەللەر بولسا ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا ئۆزلىرى چۈشۈپ كەتتى، ئۆزلىرى يوشۇرۇپ قويغان تورغا پۇتى قاپسىلىپ قالدى. 15
پەرۋەردىگار چىقارغان ھۆكۈمى بىلەن تونۇلار؛ رەزىل ئادەملەر ئۆز قولىدا ياسىغىنى بىلەن ئىلىنىپ قالدى. خىگگائون ــ سېلاھ. 16
رەزىللەر، يەنى خۇدانى ئۇنتۇغان بارلىق ئەللەر، ياندۇرۇلۇپ، تەھتىساراغا تاشلىنىدۇ. (Sheol h7585) 17
چۈنكى نامراتلار مەڭگۈگە ئەستىن چىقىرىلمايدۇ؛ مۆمىنلەرنىڭ ئۈمىدى مەڭگۈ ئۆچمەي، تۇرىۋېرىدۇ. 18
ئى پەرۋەردىگار، ئورنۇڭدىن تۇرغىن؛ ئادەم بالىلىرىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا يول قويمىغىن؛ ھۇزۇرۇڭ ئالدىدا بارلىق ئەللەر سوتلانسۇن. 19
ئۇلارنى دەككە-دۈككىگە چۈشۈر، ئى پەرۋەردىگار؛ ئەللەر ئۆزلىرىنى بىز پەقەت ئادەم بالىلىرى خالاس، دەپ بىلسۇن! سېلاھ! 20

< زەبۇر 9 >