< زەبۇر 89 >

ئەزراھلىق ئېتان يازغان «ماسقىل»: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى ئەبەدىي كۈيلەيمەن، ئاغزىمدا دەۋردىن-دەۋرگىچە ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى ئايان قىلىمەن. 1
چۈنكى مەن: ئۆزگەرمەس مۇھەببەت مەڭگۈگە تىكلىنىپ ماڭىدۇ، سەن ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى ئەرشىئەلادا مۇستەھكەملەۋاتىسەن ــ دەپ بىلدىم؛ 2
سەن دېدىڭكى: ــ «مەن تاللىۋالغىنىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنمەن؛ قۇلۇم داۋۇتقا قەسەم قىلدىم: ــ 3
سېنىڭ ئەۋلادىڭنى مەڭگۈ داۋام قىلدۇرىمەن، تەختىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا قۇرۇپ چىقىمەن». سېلاھ. 4
ھەم ئاسمانلارمۇ سېنىڭ مۆجىزىلىرىڭنى تەبرىكلەيدۇ، ئى پەرۋەردىگار، مۇقەددەسلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇلار ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى مەدھىيىلەيدۇ؛ 5
چۈنكى ئاسمانلاردا پەرۋەردىگارنىڭ تەڭدىشى بارمۇ؟ قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئوغۇللىرى ئارىسىدا پەرۋەردىگارغا ئوخشايدىغان كىم بار؟ 6
تەڭرىنىڭ ھەيۋىسى مۇقەددەسلەرنىڭ مەجلىسىدىكىلەرنى قاتتىق تىترىتىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئۇ قورقۇنچلۇقتۇر. 7
ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، قۇدرەتلىك ياھ، ساڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟ ئەتراپىڭدا ھەقىقەت-ساداقىتىڭ تۇرۇقلۇقتۇر. 8
دېڭىزنىڭ مەغرۇرلۇقى ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىسەن، دولقۇنلىرى ئۆركەشلىگەندە، سەن ئۇلارنى تىنچلاندۇرىسەن؛ 9
راھابنى ئۆلگۈدەك يانجىدىڭسەن، كۈچلۈك بىلىكىڭ بىلەن دۈشمەنلىرىڭنى تىرىپىرەن قىلىپ تارقىتىۋەتتىڭ. 10
ئاسمانلار سېنىڭكى، يەرمۇ سېنىڭكىدۇر، جاھان ھەم ئۇنىڭغا تولغان ھەممىنى بەرپا قىلدىڭ. 11
شىمال ۋە جەنۇبنى، ئۇلارنى ياراتقانسەن، تابور ۋە ھەرمون چوققىلىرى نامىڭنى ياڭرىتىپ كۈيلەر. 12
قۇدرەتلىك بىلەك سېنىڭكىدۇر؛ كۈچلۈكتۇر سېنىڭ قولۇڭ، ئوڭ قولۇڭ ھەم كۆتۈرۈكلۈكتۇر. 13
تەختىڭنىڭ ئۇلى ھەققانىيلىق ھەم ئادالەتتۇر، مۇھەببەت ھەم ھەقىقەت-ساداقەت دائىم دىدارىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ. 14
تەنتەنە ساداسىنى بىلگەن خەلق بەختلىكتۇر؛ ئۇلار سېنىڭ جامالىڭنىڭ نۇرىدا ماڭىدۇ، ئى پەرۋەردىگار! 15
ئۇلار نامىڭدا كۈن بويى شاد بولار، ھەققانىيلىقىڭدا ئۇلار كۆتۈرۈلدى. 16
چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ شان-شەرىپى ئۆزۈڭدۇرسەن، سېنىڭ ئىلتىپاتىڭ بىلەن مۈڭگۈزىمىز كۆتۈرۈلىدۇ. 17
چۈنكى پەرۋەردىگار بىزنىڭ قالقىنىمىز، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى شاھىمىزدۇر. 18
سەن بۇرۇن ئۆز مۆمىن بەندەڭگە غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ سۆز قىلىپ شۇنى دېگەنىدىڭسەن: ــ «مەن بىر ئەزىمەت ئۈستىگە ياردىمىمنى قوندۇردۇم، ئەل ئارىسىدىن مەن تاللىۋالغان بىرسىنى كۆتۈردۈم؛ 19
قۇلۇم داۋۇتنى تاپتىم، مۇقەددەس مېيىم بىلەن مەن ئۇنى مەسىھ قىلىپ تىكلىدىم. 20
قولۇم ئۇنىڭغا يار بولۇشقا بېكىتىلگەن، بىلىكىم ئۇنى كۈچلەندۈرىدۇ. 21
دۈشمەن ئۇنىڭدىن ھېچ ئالۋان-سېلىق ئالمايدۇ، پەسكەش ئادەم ئۇنى قىستىمايدۇ؛ 22
بەلكى مەن رەقىبلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىدا يانجىيمەن، ئۇنى ئۆچ كۆرگەنلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن؛ 23
ئۆز ھەقىقەت-ساداقىتىم ھەم مېھىر-مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا يار بولار، ھەم مېنىڭ نامىم بىلەن ئۇنىڭ مۈڭگۈزى كۆتۈرۈلىدۇ. 24
مەن ئۇنىڭ قولىنى دېڭىز ئۈستىدە، ئوڭ قولىنى دەريالار ئۈستىدە قويىمەن. 25
ئۇ مېنى چاقىرىپ دەيدۇكى: ــ «سەن مېنىڭ ئاتام، مېنىڭ تەڭرىم، نىجاتلىقىم بولغان قورام تېشىمدۇرسەن!». 26
مەن يەنە ئۇنى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم دەپ، دۇنيا پادىشاھلىرىدىن ئەڭ يۇقۇرىسى قىلىمەن. 27
مېنىڭ مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەبەدىي قالدۇرىمەن، مېنىڭ ئەھدەم ئۇنىڭ بىلەن مەھكەم تۇرىدۇ؛ 28
مەن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەبەدىيلەشتۈرىمەن، ئۇنىڭ تەختىنى ئاسماننىڭ كۈنلىرىدەك داۋام قىلدۇرىمەن. 29
مۇبادا ئوغۇللىرى تەۋرات-قانۇنۇمدىن چىقىپ، ھۆكۈملىرىم بويىچە يۈرمىسە، 30
بەلگىلىمىلىرىمنى بۇزسا، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىسا، 31
ــ ئۇ ۋاقىتتا ئىتائەتسىزلىكىنى تاياق بىلەن، گۇناھىنى يارا-جاراھەت بىلەن جازالايمەن. 32
لېكىن مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭدىن ئۈزۈپ قويمايمەن، ھەقىقەت-ساداقىتىمگە خىيانەت قىلمايمەن؛ 33
مەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلا بۇزمايمەن، لەۋلىرىمدىن چىققانلىرىنى ھېچ ئۆزگەرتمەيمەن. 34
مەن بىر قېتىم پاك-مۇقەددەسلىكىمگە قەسەم ئىچتىم ــ داۋۇتقا قەتئى يالغان سۆزلىمەيمەن: ــ 35
«ئۇنىڭ ئەۋلادى ئەبەدىي داۋاملىشار؛ ئۇنىڭ تەختى كۆز ئالدىمدىكى قۇياش كەبى تۇرار؛ 36
ئۇ ئاي كەبى مەڭگۈلۈك مۇستەھكەملىنەر، ئاسماندىكى تۇرغۇن گۇۋاھچىدەك مەزمۇت تۇرار». سېلاھ. 37
بىراق سەن بۇلارنى چەتكە قېقىپ، تېنىپ كەتتىڭ؛ سەن مەسىھ قىلغان پادىشاھقا قاتتىق غەزەپلەندىڭ. 38
قۇلۇڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدىدىن ۋاز كەچتىڭ، ئۇنىڭ تاجىنى يەرگە تاشلاپ داغ تەگكۈزدۇڭ. 39
ئۇنىڭ بارلىق تام-پاسىللىرىنى يىقىتىپ، قەلئەلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردۇڭ. 40
يولدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى بۇلىماقتا، ئۇ بارلىق قوشنىلىرى ئالدىدا رەسۋا بولدى. 41
ئۇنى ئەزگەنلەرنىڭ ئوڭ قولىنى يۇقىرى كۆتۈردۈڭ، پۈتكۈل دۈشمەنلىرىنى خۇشال قىلدىڭ. 42
بەرھەق، سەن ئۇنىڭ قىلىچىنىڭ بىسىنى قايرىۋەتتىڭ، جەڭدە ئۇنى تىك تۇرغۇزمىدىڭ. 43
ئۇنىڭ جۇلالىقىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ تەختىنى يەرگە ئۆرۈۋەتتىڭسەن. 44
ياشلىق كۈنلىرىنى سەن قىسقارتتىڭ، ئۇنى خىجالەتكە چۆمدۈردۈڭ. سېلاھ. 45
قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟ ئۆزۈڭنى ئەبەدىي يوشۇرىۋېرەمسەن؟ قەھرىڭ ئوت كەبى مەڭگۈ يانارمۇ؟ 46
ماڭا نىسبەتەن، ئۆمۈرنىڭ قىس ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتقىن! نېمىشقىمۇ بارلىق ئىنسان بالىلىرىنى بىھۇدىلىككە ياراتقانسەن؟ 47
قېنى، قايسى ئادەم ياشاپ ئۆلۈمنى كۆرمەيدىكەن؟ ئۇ جېنىنى تەھتىسارانىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزالامدىكەن؟ سېلاھ. (Sheol h7585) 48
سەن ھەقىقەت-ساداقىتىڭدە داۋۇتقا قەسەم ئىچكەن، ئاۋۋالقى مېھىر-مۇھەببەتلەر قەيەردە قالدى، يا رەببىم؟ 49
قۇللىرىڭ ئۇچراۋاتقان مەسخىرىلەرنى ياد ئەتكەيسەن، ئى رەب ــ مەن ئىچىمدە پۈتكۈل كۈچلۈك ئەللەرنىڭ مازاقلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرىمەن ــ 50
دۈشمەنلىرىڭنىڭ ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغاننىڭ قەدەملىرىنى قانچىلىك مەسخىرىلىگىنىنى، ئى پەرۋەردىگار، ياد ئەتكەيسەن! 51
پەرۋەردىگارغا مەڭگۈگە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! ئامىن! ئامىن! 52

< زەبۇر 89 >