< زەبۇر 87 >

كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ ئۇنىڭ ئۇلى بولسا مۇقەددەس تاغلاردىدۇر. 1
پەرۋەردىگار زىئوننىڭ دەرۋازىلىرىنى سۆيىدۇ، ياقۇپنىڭ بارلىق ماكان-جايلىرىدىنمۇ ئەۋزەل كۆرىدۇ؛ 2
سېنىڭ شەرىپىڭگە ئۇلۇغ ئىشلار ئېيتىلماقتا، ئى خۇدانىڭ شەھىرى! سېلاھ. 3
«مېنى تونۇپ بىلگەنلەر ئارىسىدا راھاب بىلەن بابىلنى تىلغا ئالىمەن؛ مانا فىلىستىيە، تۇر بىلەن ئېفىئوپىيە؛ مانا بۇ ئادەم شۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەيمەن. 4
بەرھەق، زىئون توغرۇلۇق شۇنداق ئېيتىلىدۇ: ــ «بۇ ئادەم، پالانچى-پوكۇنچى ئۇنىڭدا تۇغۇلغان، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئۆزى ئۇنى مۇستەھكەملەيدۇ». 5
خەلق-قوۋملارنى خاتىرىلىگىنىدە پەرۋەردىگار: ــ «بۇ كىشى بۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەپ ئالاھىدە خاتىرىگە يېزىپ قويىدۇ. سېلاھ. 6
ناخشىچىلار، ئۇسسۇلچىلار شۇنى تەڭ ئېيتىدۇ: ــ «مېنىڭ بارلىق بۇلاق-مەنبەلىرىم سېنىڭدىدۇر!» 7

< زەبۇر 87 >