< زەبۇر 86 >

داۋۇتنىڭ دۇئاسى: قۇلىقىڭنى مەن تەرەپكە تۇتقىن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛ چۈنكى مەن ئېزىلگەن ۋە ھاجەتمەندۇرمەن. 1
جېنىمنى ساقلىغايسەن، چۈنكى مەن ساڭا مۆمىندۇرمەن؛ ئى سەن خۇدايىم، ساڭا تايانغان قۇلۇڭنى قۇتقۇزغايسەن؛ 2
ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، ئى رەب، چۈنكى مەن كۈن بويى ساڭا نىدا قىلىمەن. 3
قۇلۇڭنىڭ جېنىنى شاد قىلغىن، چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛ 4
چۈنكى سەن رەب، مېھرىبان، كەچۈرۈمچان سەن! ئۆزەڭگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە زور مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىدۇرسەن! 5
مېنىڭ دۇئايىمغا قۇلاق سالغىن، ئى پەرۋەردىگار، يېلىنىشلىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغايسەن؛ 6
بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، مەن ساڭا ئىلتىجا قىلىمەن، چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب بېرىسەن. 7
ئىلاھلار ئارىسىدا سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر، ئى رەب؛ قىلغان ئىشلىرىڭنىڭمۇ تەڭدىشى يوقتۇر. 8
سەن ياراتقان بارلىق ئەللەر كېلىپ سېنىڭ ئالدىڭدا سەجدە قىلىدۇ، ئى رەب، نامىڭنى ئۇلۇغلايدۇ. 9
چۈنكى سەن ناھايىتى بۈيۈكسەن، مۆجىزىلەرنى ياراتقۇچىدۇرسەن؛ سەن خۇدادۇرسەن، يالغۇز سەنلا. 10
ئۆز يولۇڭنى ماڭا ئۆگەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، ۋە سېنىڭ ھەقىقىتىڭدە يۈرىمەن؛ نامىڭغا ھۆرمەت-ئەيمىنىشتە بولۇشۇم ئۈچۈن، قەلبىمنى پۈتۈن قىلغايسەن. 11
يا رەببىم خۇدا، پۈتۈن قەلبىم بىلەن سېنى مەدھىيىلەيمەن، ئەبەدىلئەبەد نامىڭنى ئۇلۇغلايمەن. 12
چۈنكى ماڭا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ زوردۇر، سەن تەھتىسارانىڭ تەگلىرىدىن جېنىمنى قۇتقۇزىسەن؛ (Sheol h7585) 13
ئى خۇدا، تەكەببۇرلار ماڭا قارشى كۆتۈرۈلدى، ئەشەددىيلەرنىڭ جامائىتى جېنىمنى ئىزدىمەكتە، ئۇلار سېنى نەزىرىگە ئالمەيدۇ! 14
ئەمما سەن، رەب، رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك ئىلاھسەن، ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايسەن، مېھىر-مۇھەببەت ھەم ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تېشىپ تۇرىدۇ. 15
مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ، شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ ئۆز قۇلۇڭغا كۈچۈڭنى بەرگەيسەن، دېدىكىڭنىڭ ئوغلىنى قۇتقۇزغايسەن! 16
ماڭا ئۆچمەنلەرنىڭ ئۇنى كۆرۈپ خىجىل بولۇشى ئۈچۈن، ئىلتىپاتىڭنى كۆرسىتىدىغان بىر ئالامەتنى ماڭا كۆرسەتكىن؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار، ماڭا ياردەم قىلدىڭ، ماڭا تەسەللى بېرىپ كەلگەنسەن. 17

< زەبۇر 86 >