< زەبۇر 83 >

ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ ئى خۇدا، ئۈن چىقارماي تۇرۇۋالما، جىم تۇرۇۋالما، سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالما، ئى تەڭرىم! 1
چۈنكى مانا، سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ داۋراڭ قىلماقتا، ساڭا ئۆچمەنلەر باش كۆتۈرمەكتە. 2
ئۇلار قۇۋلۇق بىلەن سېنىڭ خەلقىڭگە سۇيىقەست قىلىدۇ، سېنىڭ ھىمايە قىلىپ قەدىرلىگەنلىرىڭ بىلەن قارشىلىشىشنى مەسلىھەتلىشىدۇ. 3
ئۇلار: ــ «يۈرۈڭلار، ئۇلارنى مىللەت قاتارىدىن يوق قىلايلى! ئىسرائىلنىڭ نامى ئىككىنچى تىلغا ئېلىنمىسۇن!» ــ دېمەكتە. 4
ئۇلار ھەمنەپەس، ھەمدىل مەسلىھەتلەشتى؛ ئۇلار ساڭا قارشى ئىتتىپاق تۈزدى. 5
مانا، ئېدوم ۋە ئىسمائىللارنىڭ چېدىرلىرى، موئاب ھەم ھاگرىيلار؛ 6
گەبال، ئاممون، ۋە ئامالەك؛ فىلىستىيە ھەمدە تۇر ئاھالىلىرى، 7
ئاسۇرىيەمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى؛ ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەن. سېلاھ. 8
سەن كىشون دەرياسىدا مىدىيانىيلارغا، سىسېراغا ۋە يابىنغا قانداق تاقابىل تۇرغان بولساڭ، ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلغايسەن؛ 9
بۇلار ئەن-دور يېزىسىدا قىرىلغانىدى، يەر ئۈچۈن تىزەك-ئوغۇتقا ئايلانغانىدى. 10
ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنى ئورەب ۋە زېئەبكە، ئۇلارنىڭ داھىيلىرىنى زەباھ ھەم زالمۇنناغا ئوخشاش قىلغايسەن؛ 11
چۈنكى ئۇلار: «خۇدانىڭ چىمەن-يايلاقلىرىنى ئۆزىمىزگە مۈلۈك قىلىۋالايلى!» ــ دەپ ئېيتقان. 12
ئى خۇدايىم، ئۇلارنى دومىلىنىدىغان قامغاقتەك، شامالدا ئۇچۇرۇلغان سامان كەبى سورۇۋەتكەيسەن. 13
ئوت ئورمانلىققا تۇتاشقانغا ئوخشاش، يالقۇن تاغلارنى كۆيدۈرگەنگە ئوخشاش، 14
سەن يەنە ئۇلارنى بورىنىڭ بىلەن قوغلىغايسەن، قارا قۇيۇنىڭ بىلەن ۋەھىمىگە سالغايسەن؛ 15
ئۇلارنىڭ سېنىڭ نامىڭنى ئىزدىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى شەرم-ھايا بىلەن چۆمدۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار! 16
ئۇلار نومۇستىن ئەبەدىي شەرمەندە بولسۇن، جاھانغا رەسۋا بولۇپ يوقىتىلسۇن. 17
ئۇلار بىلسۇنكى، نامىڭ پەرۋەردىگار بولغان سەنلا پۈتكۈل جاھاندىكى ئەڭ ئالىي بولغۇچىدۇرسەن. 18

< زەبۇر 83 >