< زەبۇر 8 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى، ئۆز ھەيۋەڭنى ئاسمانلاردىنمۇ يۇقىرى تىكلىگەن پەرۋەردىگار رەببىمىز، پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ شۇنچە شەرەپلىكتۇر! 1
ئۆز رەقىبلىرىڭ تۈپەيلىدىن، دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىشكە، بوۋاقلار ۋە ئەمگۈچىلەرنىڭ ئاغزىدىن كۈچ تىكلىدىڭسەن. 2
مەن بارماقلىرىڭنىڭ ياسىغىنى بولغان ئاسمانلىرىڭغا، سەن مەزمۇت بېكىتكەن ئاي-يۇلتۇزلارغا قارىغىنىمدا، 3
سەن ئىنساننى سېغىنىدىكەنسەن، ئەمدى ئادەم دېگەن نېمە ئىدى؟ سەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يوقلايدىكەنسەن، ئىنسان بالىسى قانچىلىك نېمە ئىدى؟ 4
چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن، سەن ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە شۆھرەتلەرنى تاج قىلىپ بەردىڭ. 5
ئۇنى قولۇڭنىڭ ياسىغانلىرىنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ؛ سەن بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىغا قويغانسەن، 6
جۈملىدىن بارلىق قوي-كالىلار، دالادىكى بارلىق جانىۋارلار، 7
ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار، دېڭىزدىكى بېلىقلار، دېڭىزلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ بارلىقىنى پۇتى ئاستىغا قويدۇڭ. 8
ئى پەرۋەردىگار رەببىمىز، پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ نېمىدېگەن شەرەپلىك-ھە! 9

< زەبۇر 8 >