< زەبۇر 79 >

ئاساف يازغان كۈي: ــ ئى خۇدا، ئەللەر ئۆز مىراسىڭغا بۆسۈپ كىردى؛ ئۇلار سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى بۇلغىدى؛ يېرۇسالېمنى دۆۋە-دۆۋە خارابىلەرگە ئايلاندۇردى. 1
ئۇلار قۇللىرىڭنىڭ جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا يەم قىلىپ، مۆمىن بەندىلىرىڭنىڭ ئەتلىرىنى دالادىكى ھايۋاناتلارغا تاشلاپ بەردى. 2
ئۇلار خەلقىڭنىڭ قانلىرىنى يېرۇسالېم ئەتراپىدا سۇدەك ئاققۇزدى، جەسەتلىرىنى كۆمگىلى بىرەر ئادەممۇ قالدۇرمىدى. 3
قوشنىلىرىمىز ئالدىدا رەسۋاغا قالدۇق، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە مەسخىرە ۋە مازاق ئوبيېكتى بولدۇق. 4
قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟ سەن مەڭگۈگە غەزەپلىنەمسەن؟ سېنىڭ يۈرىكىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ 5
قەھرىڭنى سېنى تونۇمىغان ئەللەر ئۈستىگە، نامىڭنى بىلمىگەن پادىشاھلىقلار ئۈستىگە تۆككەيسەن! 6
چۈنكى ئۇلار ياقۇپنى يالماپ، ئۇنىڭ ماكانىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى. 7
ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىزگە ھېسابلىمىغايسەن؛ رەھىمدىللىقلىرىڭ بىزنىڭ يېنىمىزغا چاپسان كەلگەي! چۈنكى بىز ئىنتايىن پەس ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇق. 8
ئۆز نامىڭنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن بىزگە ياردەم قىلغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىزنىڭ خۇداسى، نامىڭ ئۈچۈن بىزنى قۇتقۇزغايسەن، گۇناھلىرىمىزنى كافارەت قىلىپ كەچۈرگەيسەن؛ 9
ئەللەر نېمىشقا: «ئۇلارنىڭ خۇداسى قەيەردە؟» دەپ مازاق قىلىشىدۇ؟ قۇللىرىڭ تۆككەن قان قەرزىنىڭ ھېسابى ئەللەر ئارىسىدا، كۆز ئالدىمىزدا قىلىنسۇن. 10
ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرى ئالدىڭغا كەلگەي؛ بىلىكىڭنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى ساقلىغايسەن. 11
ئى رەب، يات قوشنىلىرىمىزنىڭ ساڭا قىلغان زور ھاقارىتىنى يەتتە ھەسسە قوشۇپ ئۆزلىرىگە، يەنى ئۇلارنىڭ ئىچى-باغرىغا قايتۇرغايسەن؛ 12
شۇنداق قىلىپ، سېنىڭ خەلقىڭ ــ ئۆزۈڭ باققان قويلىرىڭ بولغان بىزلەر، ساڭا مەڭگۈگە تەشەككۈرلەر ئېيتىمىز، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە سېنىڭ مەدھىيىلىرىڭنى ئايان قىلىمىز. 13

< زەبۇر 79 >