< زەبۇر 76 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا، تارلىق سازلاردا چېلىنسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ يەھۇدادا خۇدا تونۇلغاندۇر؛ ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلدا ئۇلۇغدۇر. 1
ئۇنىڭ پاناھىي جايى سالېمدا، زىئون تېغىدا ئۇنىڭ ماكانى بار. 2
ئۇ يەردە ئۇ ئوتلۇق ئوقلارنى، قالقان، قىلىچ ھەم جەڭ قوراللىرىنى چېقىپ تاشلىدى. سېلاھ. 3
ئۆزۈڭ ئوۋ-ئولجا تاغلىرىدىن نەقەدەر شەرەپلىك، نەقەدەر ئەلاسەن! 4
باتۇرلار بۇلاندى؛ ئۇلار ئۇزۇن ئۇيقۇغا كەتتى؛ پالۋانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆز قولىنى كۆتۈرەلمىدى. 5
سېنىڭ ئەيىبلىشىڭ بىلەن، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى، جەڭ ھارۋىسى ھەم ئاتلار ئۆلۈكتەك ئۇخلىتىلدى. 6
سەندىن، سەندىن قورقۇش كېرەكتۇر؛ غەزەپلەنگىنىڭدە كىم ئالدىڭدا تۇرالىسۇن؟ 7
يەر يۈزىدىكى بارلىق ياۋاش مۆمىنلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سەن خۇدا سوراق قىلىشقا ئورنۇڭدىن تۇرغان ۋاقتىڭدا، ئاسماندىن ھۆكۈمنى چىقىرىپ ئاڭلاتقۇزدۇڭ؛ يەر بولسا ۋەھىمىگە چۈشۈپ، سۈكۈت قىلدى. سېلاھ. 8
9
چۈنكى ئىنسانلارنىڭ قەھرى ساڭا شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قالغان قەھرى ساڭا بەلۋاغ بولىدۇ. 10
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا قەسەم قىلىپ، ئەمەل قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتتىكىلەر قورقۇشى كېرەك بولغۇچىغا ھەدىيەلەر سۇنسۇن؛ 11
ئۇ ئەمىرلەرنىڭمۇ روھىنى سۇندۇرىدۇ؛ ئۇ يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارغا دەھشەتلىكتۇر. 12

< زەبۇر 76 >