< زەبۇر 74 >

ئاساف يازغان «ماسقىل»: ــ ئى خۇدا، سەن نېمىشقا مەڭگۈگە بىزنى تاشلىۋەتتىڭ؟ نېمىشقا غەزىپىڭنى تۈتۈن چىقارغاندەك ئۆز يايلىقىڭدىكى قويلىرىڭغا چىقىرىسەن؟ 1
ئۆزۈڭ رەنە تۆلەپ ئازاد قىلغان جامائىتىڭنى، يەنى ئۆز مىراسىڭ بولۇشقا قەدىمدە ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ قۇتقۇزغان قەبىلىنى، ئۆزۈڭ ماكان قىلغان زىئون تېغىنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن! 2
قەدەملىرىڭنى مۇشۇ مەڭگۈلۈك خارابلىقلارغا قاراتقايسەن، دۈشمەنلەر مۇقەددەس جايىڭدا گۇمران قىلغان بارلىق نەرسىلەرگە [قارىغايسەن]؛ 3
رەقىبلىرىڭ جامائەتگاھىڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆر-پۆر قىلىدۇ؛ مۆجىزاتلار ساقلانغان ئورۇنغا ئۇلار ئۆز تۇغلىرىنى تىكتى. 4
ھەربىرى ئۆزلىرىنى كۆرسىتىشىپ، پالتا ئوينىتىپ ئورمان كەسكۈچىدەك، 5
ئۇلار ھازىر [مۇقەددەس جايىڭدىكى] نەقىشلەرنى ئالا قويماي، پالتا-بولقىلار بىلەن چېقىۋەتتى؛ 6
ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا ئوت قويدى؛ ئۆز نامىڭدىكى ماكاننى بۇلغاپ، يەر بىلەن تەڭ قىلىۋەتتى. 7
ئۇلار كۆڭلىدە: «بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتايلى» دەپ، تەڭرىنىڭ زېمىندىكى جامائەتگاھلىرىنىڭ ھەربىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 8
بىزگە ئەسلەتمە بولغان مۆجىزاتلارنى ھېچ كۆرەلمەيمىز؛ پەيغەمبەرلەرمۇ كەلمەسكە كەتتى؛ ئارىمىزدىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ قاچانغىچە بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بىرسى يوقتۇر. 9
قاچانغىچە، ئى خۇدا، رەقىبىڭ سېنى مەسخىرە قىلىدۇ؟ دۈشمەن نامىڭنى مەڭگۈگە ھاقارەتلەمدۇ؟ 10
سەن قولۇڭنى، يەنى ئوڭ قولۇڭنى نېمىشقا تارتىۋالىسەن؟ قولۇڭنى قوينۇڭدىن ئېلىپ، ئۇلارنى يوقاتقايسەن! 11
بىراق خۇدا قەدىمدىن پادىشاھىم بولۇپ كەلگەن، يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇتقۇزۇشلارنى ئېلىپ بارغۇچى ئۇدۇر. 12
سەن دېڭىز سۈيىنى كۈچۈڭ بىلەن بۆلدۇڭ، سۇلاردىكى ئەجدىھالارنىڭ باشلىرىنى ياردىڭ. 13
دېڭىزدىكى لېۋىئاتاننىڭ باشلىرىنى چېقىپ، ئۇنىڭ گۆشىنى ئوزۇق قىلىپ چۆلدىكى ياۋايىلارغا بۆلۈپ بەردىڭ. 14
يەرنى يېرىپ بۇلاقلارنى، ئېرىقلارنى ئاققۇزدۇڭ، سەن توختىماي ئېقىۋاتقان دەريالارنى قۇرۇتۇۋەتتىڭ. 15
كۈن سېنىڭ، تۈنمۇ سېنىڭكىدۇر؛ ئاي بىلەن قۇياشنى ئورۇنلاشتۇردۇڭ. 16
يەر يۈزىنىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلىدىڭ؛ ياز بىلەن قىشنى ــ سەن شەكىللەندۈردۈڭ. 17
شۇنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ئى پەرۋەردىگار: ــ بىر دۈشمەن سېنى مەسخىرە قىلدى، ھاماقەت بىر خەلق نامىڭنى ھاقارەتلىدى. 18
پاختىكىڭنى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا تۇتۇپ بەرمىگەيسەن؛ ئېزىلگەن مۆمىنلىرىڭنىڭ ھاياتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمىغايسەن. 19
ئۆز ئەھدەڭگە قارىغايسەن، چۈنكى زېمىندىكى قاراڭغۇ بۇلۇڭ-پۇچقاقلار زورلۇق-زۇمبۇلۇقنىڭ تۇرالغۇلىرى بىلەن تولدى. 20
ئېزىلگۈچىلەرنى نومۇس بىلەن ياندۇرمىغايسەن؛ ئېزىلگەنلەر، يوقسۇللار نامىڭنى مەدھىيىلىگەي. 21
ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى خۇدا، ئۆز دەۋايىڭنى سورىغايسەن؛ ھاماقەت كىشىنىڭ ئۆزۈڭنى كۈن بويى مەسخىرە قىلىۋاتقىنىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن. 22
دۈشمەنلىرىڭنىڭ چۇقانلىرىنى ئۇنتۇمىغايسەن؛ ساڭا قارشى قوزغالغانلارنىڭ داۋراڭلىرى توختىماي كۆتۈرۈلمەكتە. 23

< زەبۇر 74 >