< زەبۇر 73 >

ئاساف يازغان كۈي: ــ دەرۋەقە خۇدا ئىسرائىلغا، قەلبى ساپ بولغانلارغا مېھرىباندۇر؛ 1
لېكىن ئۆزۈم بولسام، پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈشكە تاسلا قالدىم؛ ئاياغلىرىم تېيىلىپ كەتكىلى قىل قالدى؛ 2
چۈنكى رەزىللەرنىڭ روناق تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، ھاكاۋۇرلارغا ھەسەت قىلدىم؛ 3
چۈنكى ئۇلار ئۆلۈمىدە ئازابلار تارتمايدۇ، ئەكسىچە تېنى مەزمۇت ۋە ساغلام تۇرىدۇ. 4
ئۇلار ئىنسانغا خاس جاپانى كۆرمەيدۇ، ياكى خەقلەردەك بالايىئاپەتكە ئۇچرىمايدۇ. 5
شۇڭا مەغرۇرلۇق مارجاندەك ئۇلارغا ئېسىلىدۇ، زورلۇق-زومىگەرلىك توندەك ئۇلارغا چاپلىشىدۇ. 6
ئۇلار سەمرىپ كەتكەنلىكىدىن كۆزلىرى تومپىيىپ چىقتى؛ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى خىيالەتلەر ھەددىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. 7
باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ زەھەرلىك سۆزلەيدۇ؛ ھالىنى ئۈستۈن قىلىپ دىۋىنىپ، دوق قىلىدۇ. 8
ئۇلار ئاغزىنى پەلەككە قويىدۇ، ئۇلارنىڭ تىللىرى يەر يۈزىنى كېزىپ يۈرىدۇ. 9
شۇڭا [خۇدانىڭ] خەلقى مۇشۇلارغا مايىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى سۇ ئىچكەندەك ئاخىرىغىچە ئىچىپ: ــ 10
«تەڭرى قانداق بىلەلەيتتى؟»، «ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىدا بىلىم بارمۇ؟» ــ دەيدۇ. 11
مانا بۇلار رەزىللەردۇر؛ ئۇلار بۇ دۇنيادا راھەت-پاراغەتنى كۆرىدۇ، بايلىقلارنى توپلايدۇ. 12
«ئاھ، ھەقىقەتەن بىكاردىن-بىكار كۆڭلۈمنى پاكلاندۇرۇپتىمەن، گۇناھسىز تۇرۇپ قولۇمنى ئارتۇقچە يۇيۇپ كەپتىمەن؛ 13
بىكارغا كۈن بويى جاپا چېكىپتىمەن؛ شۇندىمۇ ھەر سەھەردە [ۋىجداننىڭ] ئەيىبىگە ئۇچراپ كەلدىم!». 14
بىراق مەن: ــ «بۇنداق [دېسەم]، بۇ دەۋردىكى پەرزەنتلىرىڭگە ئاسىيلىق قىلغان بولمامدىمەن؟» ــ دېدىم. 15
ئۇلارنى كاللامدىن ئۆتكۈزەي دېسەم، كۆزۈمگە شۇنداق ئېغىر كۆرۈندى. 16
تەڭرىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىغا كىرگۈچە شۇنداق ئويلىدىم؛ كىرگەندىلا [يامانلارنىڭ] ئاقىۋىتىنى چۈشەندىم. 17
دەرۋەقە سەن ئۇلارنى تېيىلغاق يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرىسەن، ئۇلارنى يىقىتىپ پارە-پارە قىلىۋېتىسەن. 18
ئۇلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا شۇنچە پاراكەندە بولىدۇ، دەھشەتلەر ئۇلارنى بېسىپ يوقىتىدۇ! 19
سەن ئى رەب، چۈشتىن ئويغانغاندەك ئويغىنىپ، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ سىياقىنى كۆزگە ئىلمايسەن. 20
يۈرەكلىرىم قايناپ، ئىچلىرىم سانجىلغاندەك بولغان چاغدا، 21
ئۆزۈمنى ھېچنېمە بىلمەيدىغان بىر ھاماقەت، ئالدىڭدا بىر ھايۋان ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يەتتىم. 22
ھالبۇكى، مەن ھەمىشە سەن بىلەن بىللە؛ سەن مېنى ئوڭ قولۇمدىن تۇتۇپ يۆلىدىڭ؛ 23
ئۆز نەسىھەتىڭ بىلەن مېنى يېتەكلەيسەن، شان-شەرىپڭنى نامايان قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا سەن مېنى ئۆزۈڭگە قوبۇل قىلىسەن. 24
ئەرشتە سەندىن باشقا مېنىڭ كىمىم بار؟ يەر يۈزىدە بولسا سەندىن باشقا ھېچكىمگە ئىنتىزار ئەمەسمەن. 25
ئەتلىرىم ھەم قەلبىم زەئىپلىشىدۇ، لېكىن خۇدا قەلبىمدىكى قورام تاش ھەم مەڭگۈلۈك نېسىۋەمدۇر! 26
چۈنكى مانا، سەندىن يىراق تۇرغانلار ھالاك بولىدۇ؛ ۋاپاسىزلىق قىلغان پاھىشە ئايالدەك سەندىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەربىرىنى يوقىتىسەن. 27
بىراق مەن ئۈچۈن، خۇداغا يېقىنلىشىش ئەۋزەلدۇر! ئۇنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن، رەب پەرۋەردىگارنى تايانچىم قىلدىم. 28

< زەبۇر 73 >