< زەبۇر 72 >

سۇلايمان ئۈچۈن: ــ ئى خۇدا، پادىشاھقا ھۆكۈملىرىڭنى تاپشۇرغايسەن؛ پادىشاھنىڭ ئوغلىغا ئۆز ھەققانىيلىقىڭنى بەرگەيسەن. 1
شۇنداق بولغاندا ئۇ ئۆز خەلقىڭ ئۈچۈن ھەققانىيلىق بىلەن، ساڭا تەۋە ئېزىلگەن مۆمىنلەر ئۈچۈن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ 2
تاغلار خەلققە تىنچ-ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئېدىرلىقلارمۇ ھەققانىيلىق بىلەن شۇنداق قىلىدۇ. 3
پادىشاھ خەلق ئارىسىدىكى ئېزىلگەنلەرگە ئادىل ھۆكۈملەرنى چىقىرىدۇ؛ ئۇ نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى قۇتقۇزىدۇ، زالىملارنى بىتچىت قىلىدۇ. 4
شۇنداق بولغاندا كۈن ۋە ئاي يوق بولۇپ كەتمىسىلا، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا خەلق سەندىن ئەيمىنىدۇ. 5
ئۇ بولسا گويا يېڭىدىن ئورغان ئوتلاققا ياغقان يامغۇردەك، يەر سۇغىرىدىغان ھۆل-يېغىنلاردەك چۈشىدۇ. 6
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە ھەققانىيلار روناق تاپىدۇ؛ ئاي يوق بولغۇچە تىنچ-ئامانلىق تېشىپ تۇرىدۇ. 7
ئۇ دېڭىزدىن-دېڭىزلارغىچە، [ئەفرات] دەرياسىدىن يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ. 8
چۆل-باياۋاندا ياشاۋاتقانلار ئۇنىڭ ئالدىدا باش قويىدۇ؛ ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى توپىلارنى يالايدۇ. 9
تارشىشنىڭ ۋە ئاراللارنىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭغا ھەدىيەلەر تەقدىم قىلىدۇ، شېبا ۋە سېبانىڭ پادىشاھلىرىمۇ سوۋغاتلار سۇنىدۇ. 10
دەرۋەقە، بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىدۇ؛ پۈتكۈل ئەللەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛ 11
چۈنكى ئۇ پەرياد كۆتۈرگەن يوقسۇللارنى، پاناھسىز ئېزىلگەنلەرنى قۇتۇلدۇرىدۇ؛ 12
ئۇ يوقسۇل-ئاجىزلارغا ئىچىنى ئاغرىتىدۇ، يوقسۇللارنىڭ جېنىنى قۇتقۇزىدۇ؛ 13
ئۇلارنىڭ جېنىنى زۇلۇم-زومىگەرلىكتىن ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ، ئۇلارنىڭ قېنى ئۇنىڭ نەزىرىدە قىممەتلىكتۇر. 14
[پادىشاھ] ياشىسۇن! شېبانىڭ ئالتۇنلىرىدىن ئۇنىڭغا سۇنۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا توختاۋسىز قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭغا كۈن بويى بەخت تىلىنىدۇ؛ 15
يەر يۈزىدىكى ھوسۇل مول بولىدۇ، ھەتتا تاغ چوققىلىرىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. [مىغ-مىغ] چۈشكەن مېۋىلەر لىۋاندىكى ئورمانلاردەك تەۋرىنىدۇ؛ شەھەردىكىلەر بولسا دالادىكى ئوت-يېشىللىقتەك گۈللىنىدۇ؛ 16
ئۇنىڭ نامى مەڭگۈگە ئۆچمەيدۇ، ئۇنىڭ نامى قۇياش يوقالغۇچە تۇرىدۇ؛ ئادەملەر ئۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە بەخت تىلەيدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىشىدۇ. 17
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، پەرۋەردىگار خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! كارامەت ئىشلارنى ياراتقۇچى يالغۇز ئۇدۇر! 18
ئۇنىڭ شەرەپلىك نامىغا مەڭگۈگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى پۈتكۈل دۇنيانى قاپلىغاي! ئامىن! ۋە ئامىن! 19
يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ دۇئالىرى شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى. 20

< زەبۇر 72 >