< زەبۇر 71 >

سەندىن، پەرۋەردىگاردىن پاناھ تاپىمەن؛ مېنى ھەرگىز يەرگە قاراتمىغايسەن. 1
ئۆز ھەققانىيلىقىڭدا مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن؛ ماڭا قۇلاق سالغايسەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن! 2
ماڭا ئۆزۈم دائىم پاناھلىنىدىغان تۇرالغۇ قورام تاش بولغايسەن؛ سەن مېنى قۇتقۇزۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەيسەن؛ چۈنكى سەن ئېگىز تېشىم، قورغىنىمدۇرسەن. 3
خۇدايىم، مېنى رەزىللەرنىڭ قولىدىن، ھەققانىيەتسىز، رەھىمسىز ئادەمدىن ئازاد قىلغايسەن؛ 4
چۈنكى سەن مېنىڭ ئۈمىدىمدۇرسەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، ياشلىقىمدىن تارتىپلا مېنىڭ تايانچىمدۇرسەن؛ 5
بالىياتقۇدىكى ۋاقىتتىن باشلاپ مەن ساڭا تايىنىپ كەلدىم، ئۆزۈڭ مېنى ئانامنىڭ قارنىدىن چىقارغۇچىسەن؛ مەدھىيەمنىڭ تېمىسى بولسا ھەردائىم سەن توغرۇلۇقتۇر. 6
مەن نۇرغۇنلارغا غەيرىي ياكى كارامەت سانالدىم؛ چۈنكى سەن مېنىڭ مۇستەھكەم پاناھگاھىمدۇرسەن. 7
ئاغزىم كۈن بويى مەدھىيىلىرىڭ ھەم شان-شەرىپىڭگە تولىدۇ؛ 8
ئەمدى قېرىغىنىمدا مېنى تاشلىمىغايسەن؛ ماغدۇرۇم كەتكىنىدە، مەندىن ۋاز كەچمىگەيسەن. 9
چۈنكى دۈشمەنلىرىم ماڭا قارشى سۆزلىشىدۇ؛ جېنىمنى ئېلىشقا كۆزلەۋاتقانلار قەستلىشىپ: ــ 10
«خۇدا ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى؛ ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋېلىڭلار، چۈنكى قۇتۇلدۇرۇدىغانلار يوقتۇر» ــ دېيىشىدۇ. 11
ئى خۇدا، مەندىن يىراقلاشمىغايسەن؛ ئى خۇدايىم، ماڭا ياردەمگە تېز كەلگەيسەن! 12
جېنىمغا كۈشەندە بولغانلار شەرمەندە بولۇپ يوقىتىلىسۇن؛ زىيىنىمغا ئىنتىلگەنلەر رەسۋالىق ھەم شەرمەندىچىلىك بىلەن قاپلانسۇن؛ 13
بىراق مەن بولسام، ئىزچىل ئۈمىدتە بولىمەن، سېنى تېخىمۇ مەدھىيىلەيمەن. 14
ھەققانىيلىقىڭ، نىجاتلىقىڭ ئاغزىمدا كۈن بويى بايان قىلىنىدۇ؛ بۇلار سان-ساناقسىزدۇر، بىلگىنىمدىن كۆپ ئارتۇقتۇر. 15
مەن رەب پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ئىشلىرىنى جاكارلىغان ھالدا كېلىمەن؛ سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى ياد ئېتىپ جاكارلايمەن ــ پەقەت سېنىڭكىنىلا! 16
ئى خۇدا، سەن ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا ئۆگىتىپ كەلگەنسەن؛ بۈگۈنگە قەدەر سېنىڭ قىلغان كارامەت ئىشلىرىڭنى جاكارلاپ كېلىۋاتىمەن. 17
ئەمدى ھازىر مەن قېرىپ، ئاق چاچلىق بولغىنىمدا، ئى خۇدا، مەن بۇ دەۋرگە [كۈچلۈك] بىلىكىڭنى [جاكارلىغۇچە]، كېلەر ئەۋلادنىڭ ھەممىسىگە قۇدرىتىڭنى ئايان قىلغۇچە، [مېنى تاشلىۋەتمىگەيسەن]! 18
ئى ئۇلۇغ كارامەت ئىشلارنى قىلغان خۇدا، ھەققانىيلىقىڭ پەلەككە تاقاشتى؛ ساڭا كىممۇ ئوخشاش بولالىسۇن! 19
سەن ماڭا كۆپ ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرنى كۆرسەتكەنىكەنسەن، مېنى قايتىدىن يېڭىلايسەن، يەر تەگلىرىدىن قايتۇرۇپ ئېلىپ چىقىسەن؛ 20
سەن مېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى تېخىمۇ يۇقىرى قىلىپ، ھەر تەرەپتىن ماڭا تەسەللى بېرىسەن. 21
مەن سېنى راۋاب چېلىپ مەدھىيىلەيمەن، سېنىڭ ھەقىقىتىڭنى مەدھىيىلەيمەن، ئى خۇدايىم؛ چىلتار چېلىپ سېنى كۈيلەيمەن، ئى سەن، ئىسرائىلنىڭ مۇقەددىسى! 22
ساڭا كۈيلەر ئېيتقىنىمدا، لەۋلىرىم تەنتەنە قىلىدۇ، ئۆزۈڭ ھۆرلۈككە چىقارغان جېنىممۇ شۇنداق روھلىنىپ ئېيتىدۇ؛ 23
تىلىم كۈن بويى ھەققانىيلىقىڭ توغرىسىدا سۆزلەيدۇ؛ چۈنكى ماڭا يامانلىق قىلماقچى بولغانلار يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنىدۇ. 24

< زەبۇر 71 >