< زەبۇر 7 >

داۋۇتنىڭ «شىگگائون»ى: ــ كۇش ئىسىملىك بىر بىنيامىنلىقنىڭ سۆزلىرى توغرۇلۇق ئېيتقان كۈيى: ــ ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ خۇدايىم، مەن ساڭا تاياندىم؛ ئۇلاردىن بىرى شىردەك مېنى تىتما-تىتما قىلىۋەتمىسۇن، قۇتقۇزغۇچى يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ مېنى ئېزىۋەتمىسۇن، مېنى بارلىق قوغلىغۇچىلاردىن قۇتقۇزغىن، ئۇلاردىن خالاس قىلغىن؛ 1
2
ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئەگەر قولۇمدا قەبىھلىك قىلغان بولسام، ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام: ــ 3
ئەگەر مەن بىلەن ئىناق ئۆتكۈچىگە يامانلىق قايتۇرغان بولسام، ــ (ئەكسىچە مەن بىلەن بىكاردىن-بىكار دۈشمەنلەشكەننىمۇ قۇتقۇزدۇم) ــ 4
ــ ئۇنداقتا، دۈشمەن مېنى قوغلاپ تۇتۇۋالسۇن، ئۇ جېنىمنى چەيلەپ يەر بىلەن يەكسان قىلسۇن، شۆھرىتىمنى تۇپراققا كۆمسۇن! 5
ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ بىلەن ئورنۇڭدىن تۇرغىن، مېنى ئەزگەنلەرنىڭ قەھرىگە تاقابىل تۇرۇشقا قەددىڭنى رۇسلىغىن، ۋە مېنىڭ ئۈچۈن ئويغانغىن؛ سەن سوت ۋە ھۆكۈمنى بېكىتكەنىدىڭغۇ! 6
خەلقلەردىن بولغان جامائەت ئەتىراپىڭغا ئولىشىدۇ؛ سەن ئۇلار ئۈچۈن پەلەكتىكى ئورنۇڭغا قايتىپ بارغايسەن. 7
پەرۋەردىگار خەلقلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز ھەققانىيلىقىم بويىچە، ۋە ئۆزۈمدە بولغان دۇرۇسلىقىم بويىچە، ماڭا ھۆكۈم چىقارغايسەن. 8
ئاھ، رەزىللەرنىڭ يامانلىقى ئاخىرلاشسۇن! ھەققانىي ئادەمنى چىڭ تۇرغۇزغايسەن؛ ئى، ئادەم قەلبلىرىنى ھەم ئىچلىرىنى سىنىغۇچى ھەققانىي خۇدا! 9
مېنىڭ قالقىنىم بولسا، دۇرۇس نىيەتلىكلەرنى قۇتقۇزغۇچى خۇدادىدۇر؛ 10
خۇدا ئادىل سوتچىدۇر، ئۇ كۈن بويى گۇناھتىن رەنجىيدىغان ئىلاھتۇر؛ 11
بىرسى [يامان] يولىدىن يانمىسا، ئۇ قىلىچىنى بىلەيدۇ، يا ئوقىنى تارتىپ بەتلەپ قويىدۇ. 12
شۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن ئۇ ئۆلۈم قوراللىرىنى تەييارلىدى؛ ئۇ ئوقلىرىنى كۆيدۈرگۈچى ئوق قىلدى. 13
مانا، مۇشۇنداق كىشىلەر تولغاقتا قەبىھلىك تۇغماقچى، ئۇنىڭ بويىدا قالغىنى يامانلىقتۇر؛ ئۇنىڭ تۇغقىنى بولسا ساختىلىقتۇر. 14
ئۇ بىر ئورىنى كولاپ، ئۇنى چوڭقۇر قىلدى؛ ئۇ ئۆزى كولىغان ئورىغا يىقىلىپ چۈشتى. 15
ئۆزىنىڭ يامانلىقى بېشىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئۆز زوراۋانلىقى بولسا ئۆز ئۈستىگە قايتىپ چۈشىدۇ. 16
مەن پەرۋەردىگارنى ھەققانىيلىقى بىلەن مەدھىيەلەيمەن، ھەممىدىن يۇقىرى تۇرغۇچى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ياڭرىتىپ، كۈي قىلىپ ئېيتىمەن. 17

< زەبۇر 7 >