< زەبۇر 69 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مېنى قۇتقۇزغايسەن، ئى خۇدا! سۇلار جېنىمدىن ئۆتتى؛ 1
تۇرغۇدەك جاي يوق چوڭقۇر پاتقاقلىققا چۆكۈپ كەتتىم؛ سۇنىڭ چوڭقۇر يېرىگە چۈشۈپ كەتتىم، كەلكۈن مېنى غەرق قىلدى. 2
پەريادلىرىمدىن ھالىمدىن كەتتىم؛ گاللىرىم قۇرۇپ كەتتى؛ خۇدايىمغا تەلمۈرۈپ، كۆزۈمدىن كېتەي دەپ قالدىم؛ 3
سەۋەبسىز ماڭا ئۆچ بولغانلار چاچلىرىمدىنمۇ كۆپتۇر؛ مېنى يوقاتماقچى بولغانلار، قارا چاپلاپ مەن بىلەن دۈشمەنلىشىدىغانلار كۈچلۈكتۇر؛ شۇ چاغدا ئۆزۈم بۇلىمىغان نەرسىنى قايتۇرىمەن. 4
ئى خۇدا، مېنىڭ نادانلىقىم ئۆزۈڭگە ئايان؛ مېنىڭ قەبىھلىكلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەستۇر. 5
مېنىڭ سەۋەبىمدىن، ئى رەب، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭگە ئۇمىد باغلاپ كۈتكەنلەر يەرگە قاراپ قالمىغاي؛ ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ئۆزۈڭنى ئىزدىگۈچىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن شەرمەندە بولمىغاي؛ 6
چۈنكى سېنى دەپ مەن رەسۋاچىلىققا ئۇچرىدىم؛ شەرمەندىلىك يۈزۈمگە چاپلاندى. 7
مەن ئۆز قېرىنداشلىرىمغا يات، ئانامنىڭ بالىلىرىغا ياقا يۇرتلۇق بولدۇم. 8
چۈنكى مېنى [مۇقەددەس] ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت چۇلغۇۋالغانىدى؛ ساڭا ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرىمۇ مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشتى؛ 9
مەن يىغلىدىم، جېنىم روزا تۇتتى، بۇمۇ ماڭا ئەيىب دەپ قارالدى. 10
مەن بۆزنى كىيىمىم قىلىپ كىيسەم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سۆز-چۆچىكىگە قالدىم. 11
شەھەر قوۋۇقىدا ئولتۇرغانلارنىڭ تەنە گېپىگە قالدىم، مەيخورلارنىڭ ناخشىسىنىڭ تېمىسى بولدۇم. 12
بىراق مەن شەپقىتىڭنى كۆرسەتكەن ۋاقتىڭدا دۇئايىمنى ساڭا نىشانلىدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ ئى خۇدا، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنىڭ زورلۇقىدىن، نىجاتلىق ئىشەنچىدە ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛ 13
مېنى پاتقاقلىقتىن قۇتقۇزۇۋالغايسەن، مېنى چۆكتۈرمىگەيسەن؛ ماڭا ئۆچمەن بولغانلاردىن، سۇنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن؛ 14
كەلكۈن سۇلىرىغا مېنى غەرق قىلدۇرمىغايسەن؛ دېڭىز تەگلىرىگىمۇ مېنى يۇتقۇزمىغايسەن؛ [تېگى] يوق ھاڭنىڭ مېنى ھاپ ئېتىپ ئاغزىنى يۇمۇۋېلىشىغا يول قويمىغايسەن! 15
دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ياخشىدۇر؛ مول رەھىمدىللىقىڭ بىلەن ماڭا يۈزلەنگەيسەن؛ 16
جامىلىڭنى قۇلۇڭدىن يوشۇرمىغايسەن؛ چۈنكى بېشىمغا كۈن چۈشتى؛ تېزدىن ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن. 17
جېنىمغا يېقىنلاشقايسەن، ئۇنىڭغا ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى بولغايسەن؛ دۈشمەنلىرىم ئالدىدا مېنى ھۆرلۈككە چىقارغايسەن؛ 18
ئۆزۈڭ مېنىڭ رەسۋالىقتا ھەم ھۆرمەتسىزلىكتە قالغىنىمنى، قانداق ھاقارەتلەنگىنىمنى بىلىسەن؛ رەقىبلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۆزۈڭگە ئاياندۇر. 19
ھاقارەت قەلبىمنى پارە قىلدى؛ مەن قايغۇغا چۆمۈپ كەتتىم؛ ئازغىنە ھېسداشلىققا تەلمۈرگەن بولساممۇ، يوق بولدى؛ تەسەللى بەرگۈچىلەرنىمۇ ئىزدىدىم، لېكىن بىرسىنىمۇ ئۇچرىتالمىدىم. 20
بەرھەق، ئۇلار ئوزۇقۇمغا ئۆت سۈيى، ئۇسسۇزلۇقۇمغا سىركىنى بەردى. 21
ئۇلارنىڭ داستىخىنى ئۆزلىرىگە قىلتاق، ئۇلارنىڭ ھالاۋىتى قاپقان بولغاي. 22
كۆزلىرى تورلىشىپ كۆرمەيدىغان بولۇپ كەتكەي؛ بەل-پۇتلىرىنى تىترەككە سالغايسەن؛ 23
قەھرىڭنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەيسەن، غەزىپىڭنىڭ ئوتلىرى ئۇلارغا تۇتاشقاي؛ 24
ئۇلارنىڭ ماكانى خارابە بولغاي، چېدىرلىرى چۆلدەرەپ قالغاي؛ 25
چۈنكى ئۇلار سەن ئۇرغانغا تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلماقتا؛ سەن زەخىملەندۈرگەنلەرنىڭ ئازابىغا گەپ بىلەن ئازاب قوشماقتا. 26
ئۇلارنىڭ گۇناھىغا گۇناھ قوشقايسەن، ھەققانىيلىقىڭنىڭ نېسىۋىسىگە ئۇلارنى ئېرىشتۈرمىگەيسەن. 27
ئۇلار ھاياتلىق دەپتىرىدىن ئۆچۈرۈلگەي؛ ھەققانىيلارنىڭ قاتارىغا پۈتۈلمىگەي. 28
بىراق مەن بولسام بىر ئېزىلگەن دەردمەن؛ نىجاتلىقىڭ، ئى خۇدا، مېنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ قۇتقۇزغاي؛ 29
مەن مۇناجات ئوقۇپ خۇدانىڭ نامىنى مەدھىيىلەيمەن؛ تەشەككۈرلەر بىلەن ئۇنى ئۇلۇغلايمەن؛ 30
بۇ بولسا پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، ئۆكۈز تەقدىم قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر؛ مۈڭگۈز-تۇياقلىرى ساق تورپاق بەرگەندىنمۇ ئارتۇقتۇر. 31
ياۋاش مۆمىنلەر بۇنى كۆرۈپ خۇشال بولىدۇ؛ خۇدانى ئىزدىگەنلەر ــ قەلبىڭلار يېڭىلىنىدۇ. 32
چۈنكى پەرۋەردىگار يوقسۇللارنىڭ ئىلتىجاسىنى ئاڭلايدۇ، ئۆزىگە تەۋە ئەسىر قىلىنغانلارنى ئۇ كەمسىتمەيدۇ؛ 33
ئاسمان-زېمىن ئۇنى مەدھىيىلىسۇن! دېڭىز-ئوكيانلار ھەم ئۇلاردا يۈرگۈچى بارلىق جانىۋارلار ئۇنى مەدھىيىلىگەي! 34
چۈنكى خۇدا زىئوننى قۇتقۇزىدۇ؛ يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى قايتا بىنا قىلىدۇ؛ ئۇلار ئاشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەيدۇ. 35
ئۇنىڭ قۇللىرىنىڭ نەسىللىرى ئۇنىڭغا مىراس بولىدۇ، ئۇنىڭ نامىنى سۆيگەنلەر ئۇ يەرلەردە ماكانلىشىدۇ. 36

< زەبۇر 69 >