< زەبۇر 68 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي-ناخشا: ــ خۇدا ئورنىدىن تۇردى، دۈشمەنلىرىنى تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ! ئۇنىڭغا ئۆچمەنلەر ئۇنىڭ ئالدىدىن بەدەر قاچىدۇ! 1
ئىس-تۈتەك ئۇچۇرۇلغاندەك، ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ يوقىتىسەن، موم ئوتتا ئېرىتىلگەندەك، رەزىللەر خۇدانىڭ ئالدىدا ھالاك بولىدۇ. 2
بىراق ھەققانىيلار خۇشاللىنىدۇ، ئۇلار خۇدا ئالدىدا روھلىنىپ، تەنتەنە قىلىپ شادلىنىدۇ. 3
خۇداغا كۈيلەر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى ناخشا قىلىپ ياڭرىتىڭلار؛ چۆل-باياۋانلارغا مىنگۈچىگە بىر يولنى كۆتۈرۈپ ياساڭلار؛ ئۇنىڭ نامى «ياھ»دۇر؛ ئۇنىڭ ئالدىدا شادلىنىڭلار. 4
يېتىملارغا ئاتا بولغۇچى، تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورىغۇچى، ئۆز مۇقەددەس ماكانىدا تۇرغان خۇدادۇر. 5
خۇدا غېرىبلارنى ئۆي-ئوچاقلىق قىلىدۇ؛ ئۇ مەھبۇسلارنى ئاۋاتلىققا چىقىرىدۇ؛ لېكىن ئاسىيلارنى قاغجىراق يەردە قالدۇرىدۇ. 6
ئى خۇدا، ئۆز خەلقىڭنىڭ ئالدىدا ماڭغىنىڭدا، چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ سەپەر قىلغىنىڭدا، ــ (سېلاھ) ــ 7
خۇدانىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا، يەنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا، يەر-جاھان تەۋرىنىپ، ئاسمانلارمۇ يېغىن ياغدۇردى؛ ئاۋۇ سىناي تېغىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى. 8
سەن، ئى خۇدا، ئۆز مىراسىڭ [بولغان زېمىن-خەلق] ئۈستىگە خاسىيەتلىك بىر يامغۇر ياغدۇردۇڭ؛ ئۇلار ھالسىزلانغاندا ئۇلارنى كۈچلەندۈردۈڭ. 9
سېنىڭ باققان پاداڭ ئۇ يەرگە ماكانلاشتى؛ مېھرىبانلىقىڭ بىلەن مۆمىنلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلدىڭ، ئى خۇدا! 10
رەب ئەمر قىلدى؛ ئۇنى جاكارلىغۇچى قىز-ئاياللار نېمىدېگەن زور بىر قوشۇندۇر! 11
«پادىشاھلار ھەم قوشۇنلىرى بەدەر قېچىشتى، بەدەر قېچىشتى!» ــ [دېيىشتى]؛ ئۆيدە ئولتۇرغان قىز-ئاياللار بولسا ئولجىلارنى بۆلىشىۋالىدۇ؛ 12
سىلەر قوي باققاندا پادىلار ئارىسىدا ياتقان بولساڭلارمۇ، زېمىنىڭلار ئەمدى قاناتلىرىغا كۈمۈش سەپكەن، پەيلىرى پارقىراق ئالتۇن بىلەن بېزەلگەن پاختەكتەك بولىدۇ؛ 13
ھەممىگە قادىر خۇدا پادىشاھلارنى زېمىندا تىرىپىرەن قىلىۋەتكەندە، يەر زالمون تېغىدىكى قاردەك ئاقىرىپ كەتتى. 14
باشان تېغى قۇدرەتلىك بىر تاغ، باشان تېغى ئېگىز چوققىلىرى كۆپ بىر تاغدۇر؛ 15
ئەي ئېگىز چوققىلىق تاغلار، نېمە ئۈچۈن خۇدا ئۆز ماكانى قىلىشنى خالىغان تاغقا ھەسەت بىلەن قارايسىلەر؟ دەرۋەقە، پەرۋەردىگار شۇ تاغدا مەڭگۈ تۇرىدۇ! 16
خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى تۈمەن-تۈمەن، مىليون-مىليوندۇر؛ رەب ئۇلار ئارىسىدا تۇرىدۇ؛ سىناي تېغىدىكى مۇقەددەس جايدا تۇرىدۇ. 17
سەن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدۇڭ، ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارنى ئۆزۈڭ ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتىڭ؛ ياھ خۇدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇشى ئۈچۈن، ھەتتا ئاسىيلىق قىلغانلار [ئارىسىدا تۇرۇشى] ئۈچۈنمۇ، سەن ئىنسان ئارىسىدا تۇرۇپ ئىلتىپاتلارنى قوبۇل قىلدىڭ. 18
رەب مەدھىيىلەنسۇن؛ چۈنكى ئۇ ھەر كۈنى يۈكلىرىمىزنى كۆتۈرمەكتە؛ يەنى نىجاتلىقىمىز بولغان تەڭرى! سېلاھ. 19
بىزنىڭ تەڭرىمىز بىردىنبىر نىجاتكار تەڭرىدۇر؛ رەبگە، يەنى پەرۋەردىگارغىلا، ئۆلۈمگە باغلىق ئىشلار تەۋەدۇر. 20
بەرھەق، خۇدا ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىنى يارىدۇ، ئۆز گۇناھلىرىدا داۋاملىق كېتىۋېرىدىغانلارنىڭ چاچلىق كاللىسىنى ئۇ چاقىدۇ. 21
رەب مۇنداق دېدى: «[ئۆز خەلقىمنى] باشان دىيارىدىنمۇ، دېڭىزلارنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىنمۇ قايتۇرۇپ كېلىمەن؛ 22
شۇنداق قىلىپ [سەن خەلقىم]نىڭ پۇتى قانغا، يەنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ قېنىغا مىلىنىدۇ، ئىتلىرىڭنىڭ تىلى بۇنىڭدىنمۇ نېسىۋىسىنى [يالايدۇ]». 23
ئۇلار سېنىڭ ماڭغانلىرىڭنى كۆردى، ئى خۇدا؛ يەنى مېنىڭ ئىلاھىم، مېنىڭ پادىشاھىمنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىرىپ ماڭغانلىرىنى كۆردى؛ 24
ئالدىڭدا مۇناجاتچىلار، كەينىڭدە چالغۇچىلار ماڭدى، ئوتتۇرىسىدا داپچى قىزلار بار ئىدى: 25
«جامائەتلەردە خۇدا رەبگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىڭلار، ــ ئى ئىسرائىل بۇلاقلىرىدىن چىققانلار!» ــ دېيىشتى. 26
ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ باشلامچىسى بولغان كىچىك بىنيامىن قەبىلىسى ماڭىدۇ؛ يەھۇدا ئەمىرلىرى، زور بىر توپ ئادەملەر، زەبۇلۇننىڭ ئەمىرلىرى، نافتالىنىڭ ئەمىرلىرىمۇ بار. 27
سېنىڭ خۇدايىڭ كۈچۈڭنى بۇيرۇپ بېكىتكەن؛ ئۆزۈڭ بىز ئۈچۈن قىلغىنىڭنى مۇستەھكەملىگەيسەن، ئى خۇدا! 28
يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ۋەجىدىن، پادىشاھلار ساڭا ئاتاپ ھەدىيەلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ 29
ئاھ، ھېلىقى قومۇشلۇقتىكى [يىرتقۇچ] جانىۋارنى، كۈچلۈكلەرنىڭ توپىنى، تائىپىلەردىكى تورپاقلارنىمۇ ئەيىبلىگەيسەن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئەكىلىپ ساڭا تىز پۈكۈشىدۇ؛ ئۇرۇشخۇمار خەلقلەرنى تىرىپىرەن قىلىۋەتكەيسەن! 30
مۆتىۋەر ئەلچىلەر مىسىردىن كېلىدۇ، ئېفىئوپىيە بولسا خۇداغا قاراپ قوللىرىنى تېزدىن كۆتۈرىدۇ. 31
ئى يەر يۈزىدىكى ئەل-يۇرتلار، خۇدانى ناخشا بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ رەبنى مەدھىيىلەپ كۈيلەرنى ئېيتىڭلار! (سېلاھ) 32
ئاسمانلارنىڭ ئۈستىگە، قەدىمدىن بار بولغان ئاسمانلارنىڭ ئۈستىگە مىنگۈچى توغرۇلۇق كۈي ئېيتىڭلار! مانا، ئۇ ئاۋازىنى ئاڭلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئاۋازى كۈچلۈكتۇر! 33
خۇدانى كۈچلۈك دەپ بىلىپ جاكارلاڭلار، ئۇنىڭ ھەيۋىسى ئىسرائىل ئۈستىدە، ئۇنىڭ كۈچى بۇلۇتلاردا تۇرىدۇ؛ 34
ئى خۇدا، مۇقەددەس جايلىرىڭدىن سۈرلۈك كۆرۈنىسەن! ئىسرائىلنىڭ بىردىنبىر تەڭرىسى! خەلققە كۈچ-قۇدرەت بەرگۈچى بولسا، ئۇدۇر! خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! 35

< زەبۇر 68 >