< زەبۇر 66 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، كۈي-ناخشا: ــ پۈتكۈل جاھان، خۇشاللىق بىلەن خۇداغا تەنتەنە قىلىڭلار! 1
ئۇنىڭ نامىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ناخشا قىلىپ جاكارلاڭلار، ئۇنىڭ مەدھىيىلىرىنى شەرەپلىك قىلىڭلار! 2
خۇداغا: «سېنىڭ قىلغانلىرىڭ نەقەدەر قورقۇنچلۇقتۇر! قۇدرىتىڭ زور بولغاچ، دۈشمەنلىرىڭ ئالدىڭدا زەئىپلىشىپ تەسلىم بولىدۇ؛ 3
بارلىق يەر يۈزىدىكىلەر ساڭا سەجدە قىلىپ، سېنى كۈيلەپ، ناخشا ئېيتىشىدۇ؛ ئۇلار نامىڭنى كۈيلەپ ناخشا قىلىپ ئېيتىدۇ» ــ دەڭلار! سېلاھ! 4
كېلىڭلار، خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈڭلار؛ ئىنسان بالىلىرى ئالدىدا قىلغان كارامەتلىرى قورقۇنچلۇقتۇر. 5
ئۇ دېڭىزنى قۇرۇقلۇققا ئايلاندۇردى؛ [ئەجدادلىرىمىز] دەريادىنمۇ پىيادە ئۆتتى؛ بىز ئۇ يەردە ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولدۇق. 6
ئۇ قۇدرىتى بىلەن مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ كۆزلىرى ئەللەرنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ؛ ئاسىيلىق قىلغۇچىلار مەغرۇرلانمىسۇن! سېلاھ! 7
ئى قوۋملار، خۇدايىمىزغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىڭلار؛ ئۇنىڭغا بولغان مەدھىيە-ھەمدۇسانالارنى ياڭرىتىڭلار! 8
ئۇ جېنىمىزنى ھاياتلىق ئىچىگە تىككەن، پۇتلىرىمىزنى تېيىلدۇرۇشلارغا يول قويمايدۇ. 9
چۈنكى سەن، ئى خۇدا، بىزنى سىنىدىڭ؛ كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلىغاندەك بىزنى تاۋلىدىڭ. 10
سەن بىزنى تورغا چۈشۈردۇڭ؛ بېلىمىزگە ئېغىر يۈكنى يۈكلىدىڭ. 11
خەقلەرنى بېشىمىزغا مىندۈردۈڭ؛ بىز ئوت ۋە كەلكۈننى بېسىپ ئۆتتۇق؛ سەن ئاخىر بىزنى كەڭرىچىلىككە چىقاردىڭ. 12
مەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئېلىپ ئۆيۈڭگە كىرەي؛ ساڭا قىلغان قەسەملىرىمگە ئەمەل قىلىمەن؛ 13
بەرھەق، بېشىمغا كۈن چۈشكەندە لەۋلىرىم چىقارغان، ئېغىزىم ئېيتقان ۋەدىلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. 14
مەن ساڭا بورداق ماللارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ سۇنىمەن، قوچقارلارنىڭ يېغىنى خۇش پۇرىتىپ كۆيدۈرىمەن؛ ئۆكۈز ۋە ئۆچكىلەرنى ئەكىلىپ سۇنىمەن. سېلاھ! 15
خۇدادىن ئەيمىنگۈچى ھەممىڭلار، كېلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار! ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغان كارامەتلىرىنى بايان قىلىمەن؛ 16
ئاغزىم ئېچىپ ئۇنىڭغا پەرياد كۆتۈردۈم، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلىغان مەدھىيىلەر تىلىمدا بولدى. 17
كۆڭلۈمدە گۇناھنى كۆزلەپ يۈرگەن بولسام، رەب [دۇئايىمنى] ئاڭلىمىغان بولاتتى. 18
بىراق خۇدا ئاڭلىدى؛ ئۇ دۇئايىمغا قۇلاق سالدى. 19
خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ياغدۇرۇلسۇن! ئۇ مېنىڭ دۇئايىمنى ياندۇرمىدى، ھەم مەندىن ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى ئېلىپ كەتمىدى! 20

< زەبۇر 66 >