< زەبۇر 65 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي-ناخشا: ــ زىئوندا، مەدھىيە سۈكۈت ئىچىدە سېنى كۈتىدۇ، ئى خۇدا؛ ساڭا قىلغان ۋەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 1
ئى، دۇئا ئاڭلىغۇچى، سېنىڭ ئالدىڭغا بارلىق ئەت ئىگىلىرى كېلىدۇ. 2
گۇناھلىق ئىشلار، ئاسىيلىقلىرىمىز، [كەلكۈن باسقاندەك] مەندىن غالىپ كېلىدۇ؛ لېكىن سەن ئۇلارنى يېپىپ كەچۈرۈم قىلىسەن؛ 3
سەن تاللاپ ئۆزۈڭگە يېقىنلاشتۇرغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك! ئۇ ھويلىلىرىڭدا ماكانلىشىدۇ؛ بىزلەر سېنىڭ ماكانىڭنىڭ، يەنى مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنىڭ بەرىكىتىدىن قانائەت تاپىمىز؛ 4
سەن ھەققانىيلىقنى نامايان قىلىدىغان كارامەت ۋە دەھشەت ئىشلار بىلەن بىزگە جاۋاب، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا، پۈتكۈل يەر-دېڭىزلارنىڭ چەت-چەتلىرىدىكىلەرگىچە تايانچى بولغۇچى! 5
بېلىڭ قۇدرەت بىلەن باغلانغان بولۇپ، كۈچۈڭ بىلەن تاغلارنى بەرپا قىلغانسەن؛ 6
دېڭىزلارنىڭ ئۆركەشلىگەن شاۋقۇنلىرىنى، دولقۇنلارنىڭ شاۋقۇنلىرىنى، ھەمدە ئەللەرنىڭ چۇقانلىرىنى تىنجىتقۇچىسەن! 7
جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدە تۇرۇۋاتقانلار كارامەتلىرىڭدىن قورقىدۇ؛ سەن كۈنچىقىشتىكىلەرنى، كۈنپېتىشتىكىلەرنى شادلاندۇرىسەن؛ 8
يەر يۈزىنىڭ [غېمىنى يەپ] يوقلاپ كېلىپ، ئۇنى سۇغىرىسەن، ئۇنى تولىمۇ مۇنبەتلەشتۈرىسەن. خۇدانىڭ دەريا-ئېرىقلىرى سۇغا تولغاندۇر؛ شۇنداق قىلىپ سۇلارنى تەييارلاپ، كىشىلەرنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەيسەن. 9
تېرىلغۇ ئېتىزلارنىڭ چۆنەكلىرىنى سۇغا قاندۇرىسەن، قىرلىرىنى تاراشلايسەن، تۇپراقنى مول يېغىنلار بىلەن يۇمشىتىسەن؛ ئۇنىڭدا ئۈنگەنلەرنى بەرىكەتلەيسەن. 10
سەن نېمەتلىرىڭنى يىلنىڭ ھوسۇلىغا تاج قىلىپ قوشۇپ بېرىسەن؛ قەدەملىرىڭدىن باياشاتلىق ھەريانغا تامىدۇ؛ 11
دالادىكى يايلاقلارغىمۇ تامىدۇ؛ تاغ-داۋانلار شات-خوراملىقنى ئۆزلىرىگە بەلۋاغ قىلىدۇ؛ 12
كۆكلەملەر قوي پادىلىرى بىلەن كىيىنگەن، جىلغىلار مايسىلارغا قاپلىنىدۇ؛ ئۇلار خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىدۇ، بەرھەق، ئۇلار ناخشىلارنى ياڭرىتىشىدۇ! 13

< زەبۇر 65 >