< زەبۇر 63 >

داۋۇت يازغان كۈي (ئۇ يەھۇدادىكى چۆل-باياۋاندا بولغان چاغدا يېزىلغان): ــ ئى خۇدا، سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن، تەشنالىق بىلەن سېنى ئىزدىدىم! مەن قۇرغاق، چاڭقاق، سۇسىز زېمىندا تۇرۇپ، جېنىم ساڭا ئىنتىزار، ئەتلىرىم تەلمۈرۈپ ئىنتىلاركى ــ 1
مۇقەددەس جايىڭدا ساڭا كۆز تىكىپ قارىغىنىمدەك، مەن يەنە زور قۇدرىتىڭ ۋە ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەم! 2
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھاياتتىنمۇ ئەزىزدۇر؛ لەۋلىرىم سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛ 3
شۇ سەۋەبتىن تىرىك بولساملا، ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇيمەن، سېنىڭ نامىڭدا قوللىرىمنى كۆتۈرىمەن. 4
جېنىم نازۇنېمەتلەردىن ھەم مايلىق گۆشلەردىن قانائەتلەنگەندەك قانائەتلەندى؛ ئاغزىم ئېچىلىپ خۇش لەۋلىرىم ساڭا مەدھىيىلەرنى ياڭرىتىدۇ؛ 5
ئورنۇمدا يېتىپ سېنى ئەسلىگىنىمدە، تۈن كېچىلەردە سېنى سېغىنىپ ئويلىنىمەن. 6
چۈنكى سەن ماڭا ياردەمدە بولۇپ كەلگەنسەن؛ سېنىڭ قانىتىڭ سايىسىدە شاد-خۇراملىقتا ناخشىلارنى ياڭرىتىمەن. 7
مېنىڭ جېنىم ساڭا چىڭ چاپلىشىپ ماڭىدۇ، سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلىمەكتە. 8
بىراق جېنىمنى يوقىتىشقا ئىزدەۋاتقانلار يەر تەكتىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. 9
ئۇلارنىڭ قېنى قىلىچ تىغىدا تۆكۈلىدۇ، ئۇلار چىلبۆرىلەرگە يەم بولىدۇ. 10
لېكىن پادىشاھ خۇدادىن شادلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى روھلىنىپ شادلىنىدۇ؛ چۈنكى يالغان سۆزلىگۈچىلەرنىڭ زۇۋانى تۇۋاقلىنىدۇ. 11

< زەبۇر 63 >