< زەبۇر 62 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي: ــ جېنىم خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتىدۇ؛ مېنىڭ نىجاتلىقىم ئۇنىڭدىندۇر. 1
پەقەت ئۇلا مېنىڭ قورام تېشىم ۋە مېنىڭ نىجاتلىقىم، مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر؛ مەن ئۇنچىلىك تەۋرىنىپ كەتمەيمەن. 2
سىلەر قاچانغىچە شۇ ئاجىز بىر ئىنسانغا ھۇجۇم قىلىسىلەر؟ ھەممىڭلار قىڭغىيىپ قالغان تامنى، ئىرغاڭلاپ قالغان قاشانى غۇلاتقاندەك، ئۇنى غۇلاتماقچىسىلەر؟ 3
ئۇنى شۆھرەت-ھەيۋىتىدىن چۈشۈرۈۋېتىشتىن باشقا، ئۇلارنىڭ ھېچ مەسلىھەتى يوقتۇر؛ يالغانچىلىقلاردىن خۇرسەن ئۇلار؛ ئاغزىدا بەخت تىلىگىنى بىلەن، ئۇلار ئىچىدە لەنەت ئوقۇيدۇ. سېلاھ. 4
ئى جېنىم، خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتكىن؛ چۈنكى مېنىڭ ئۈمىدىم ئۇنىڭدىندۇر. 5
پەقەت ئۇ مېنىڭ قورام تېشىم ھەم مېنىڭ نىجاتلىقىم، مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر؛ مەن تەۋرىنىپ كەتمەيمەن. 6
نىجاتلىقىم ھەم شان-شۆھرىتىم خۇداغا باغلىقتۇر؛ مېنىڭ كۈچۈم بولغان قورام تاش، مېنىڭ پاناھگاھىم خۇدادىدۇر. 7
ئى خالايىق، ئۇنىڭغا ھەردائىم تايىنىڭلار! ئۇنىڭ ئالدىدا ئىچ-باغرىڭلارنى تۆكۈڭلار؛ خۇدا بىزنىڭ پاناھگاھىمىزدۇر! سېلاھ. 8
ئاددىي بەندىلەر پەقەت بىر تىنىق، ئېسىلزادىلەرمۇ بىر ئالدام سۆز خالاس؛ تارازىغا سېلىنسا ئۇلارنىڭ قىلچە سالمىقى يوق، بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر. 9
زومىگەرلىككە تايانماڭلار؛ بۇلاڭچىلىقتىن خام خىيال قىلماڭلار، بايلىقلار ئاۋۇسىمۇ، بۇلارغا كۆڭلۈڭلارنى قويماڭلار؛ 10
خۇدا بىر قېتىم ئېيتقانكى، مۇنداق دېگىنىنى ئىككى قېتىم ئاڭلىدىمكى: ــ «كۈچ-قۇدرەت خۇداغا مەنسۇپتۇر». 11
ھەم ئى رەب، ساڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببەتمۇ مەنسۇپتۇر؛ چۈنكى سەن ھەربىر كىشىگە ئۆز ئەمىلىگە يارىشا قايتۇرىسەن. 12

< زەبۇر 62 >