< زەبۇر 61 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى خۇدا، پەريادىمنى ئاڭلىغايسەن؛ دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن! 1
يەرنىڭ چەت-چەتلىرىدە تۇرۇپ، يۈرىكىم زەئىپلىشىپ كەتكەندە، مەن ساڭا مۇراجىئەت قىلىمەن: ــ سەن مېنى ئۆزۈمدىن يۇقىرى قورام تاشقا يېتەكلەيسەن! 2
چۈنكى سەن ماڭا پاناھگاھ، دۈشمىنىم ئالدىدا مۇستەھكەم مۇنار بولۇپ كەلگەنسەن. 3
مەن چېدىرىڭنى مەڭگۈلۈك تۇرالغۇم قىلىمەن؛ قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن. سېلاھ. 4
چۈنكى سەن، ئى خۇدا، قەسەملىرىمنى ئاڭلىدىڭ؛ ئۆزۈڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تەۋە مىراسنى ماڭىمۇ بەردىڭسەن. 5
پادىشاھنىڭ كۈنلىرىگە كۈن قوشۇپ ئۇزارتىسەن؛ ئۇنىڭ يىللىرى دەۋردىن-دەۋرگىچە بولىدۇ. 6
ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇنى ئامان ساقلاشقا مۇھەببەت ۋە ھەقىقەتنى بېكىتىپ تەمىنلىگەيسەن؛ 7
شۇنىڭ بىلەن ئالدىڭدا ئىچكەن قەسەملىرىمگە ھەر كۈنى ئەمەل قىلىمەن؛ مەن نامىڭنى مەڭگۈ كۈيلەيمەن! 8

< زەبۇر 61 >