< زەبۇر 59 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى؛ (بۇ [كۈي] سائۇل پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئۆيىنى كۆزلەشكە پايلاقچىلارنى ئەۋەتىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولغان چاغدا يېزىلغان): ــ ئى خۇدايىم، دۈشمەنلىرىمنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزغايسەن؛ ماڭا قارشى تۇرغانلاردىن مېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغايسەن. 1
مېنى يامانلىق قىلغۇچىلار چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇۋالغايسەن، قانخور ئادەملەردىن مېنى قۇتقۇزغايسەن. 2
چۈنكى مانا، ئۇلار جېنىمنى ئېلىش ئۈچۈن پايلىماقتا، زوراۋانلار ماڭا قارشى توپ بولۇشۇپ قەستلەشمەكتە؛ بۇ [قىلغىنى] مەندە بولغان بىرەر ئاسىيلىق ئۈچۈن ئەمەس، ياكى گۇناھىم ئۈچۈن ئەمەس، ئى پەرۋەردىگار؛ 3
مەندە ھېچ سەۋەنلىك بولمىسىمۇ، ئۇلار يۈگۈرۈپ ماڭا قارشى سەپ سالىدۇ؛ مېنىڭ ياردىمىمگە كېلىشكە ئويغان، [ھالىمنى] نەزىرىڭگە ئالغايسەن. 4
ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، بارلىق ئەل-يۇرتلارنى سوتلاپ-جازالاشقا ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن؛ قەستلەشنى نىيەت قىلغۈچىلارنىڭ ھېچقايسىسىغا رەھىم قىلمىغايسەن. سېلاھ. 5
ئۇلار كېچىسى قايتىپ كېلىپ، غالجىر ئىتتەك غاژ-غۇژ قىلىپ، شەھەرنى ئايلىنىپ لاغايلاپ يۈرمەكتە. 6
قارا، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئېقىۋاتقان شۆلگەيلىرىنى! لەۋلىرىدىن قىلىچلار چىقىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار: «كىم ئاڭلىيالايدۇ؟» ــ دەيدۇ. 7
لېكىن سەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى مەسخىرە قىلىسەن؛ بارلىق ئەللەرنى مازاق قىلىسەن! 8
ئى مېنىڭ كۈچۈم بولغۇچى! مەن ساڭا تەلمۈرۈپ قاراپ يۈرىمەن؛ چۈنكى خۇدا مېنىڭ يۇقىرى پاناھگاھىمدۇر. 9
ماڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى كۆرسەتكۈچى خۇدا مېنىڭ ئالدىمدا ماڭىدۇ؛ خۇدا ماڭا دۈشمەنلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. 10
بىراق، [ئى خۇدا]، بۇلارنى قەتل قىلماي تۇرغاي؛ بولمىسا مېنىڭ خەلقىم سېنى ئۇنتۇيدۇ. ئۆز كۈچۈڭ بىلەن ئۇلارنى سەرسان قىلغايسەن، ئۇلارنىڭ بېشىنى ئېغىرلاشتۇرغايسەن؛ ئى رەب، بىزنىڭ قالقىنىمىز! 11
ئۇلارنىڭ ئاغزىنىڭ بۇزۇقلۇقى تۈپەيلىدىن، لەۋلىرىنىڭ سۆزلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلاردىن چىقىۋاتقان قارغاشلار ھەم ئالدامچىلىقلار تۈپەيلىدىن، ئۇلار ئۆز تەكەببۇرلۇقى ئىچىدە تۇزاققا چۈشكەي! 12
غەزىپىڭ بىلەن بۇ ئىشلارغا خاتىمە بەرگەيسەن، خاتىمە بەرگەيسەن! شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يوق بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزنىنىڭ چەت-چەتلىرىگىچە خۇدانىڭ ھەقىقەتەن ياقۇپقا ھۆكۈمدارلىق قىلىدىغانلىقى ئايان بولغاي! سېلاھ. 13
دەرۋەقە، ئۇلار ھازىرغىچە كېچىسى قايتىپ كېلىپ، غالجىر ئىتتەك غاژ-غۇژ قىلىپ، شەھەرنى ئايلىنىپ لاغايلاپ يۈرىدۇ. 14
ئىتلاردەك ئۇلار ئوزۇق ئىزدەپ ھەر يەردە قاترايدۇ؛ قارنى تويمىغۇچە ھۇۋلاپ يۈرمەكتە؛ 15
لېكىن مەن بولسام قۇدرىتىڭنى كۈيلەيمەن، بەرھەق، سەھەرلەردە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ناخشا قىلىپ ياڭرىتىمەن؛ چۈنكى سەن مەن ئۈچۈن يۇقىرى قورغان، ئېغىر كۈنلىرىمدە پاناھگاھ بولۇپ كەلگەنسەن. 16
ئى مېنىڭ كۈچۈم بولغۇچى، ساڭا كۈيلەرنى ئېيتىمەن؛ چۈنكى خۇدا مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر، ماڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت كۆرسەتكۈچى خۇدايىمدۇر. 17

< زەبۇر 59 >