< زەبۇر 58 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى: ــ ئى قۇدرەت ئىگىلىرى، سىلەر ھەقىقەتەن ئادالەتنى سۆزلەۋاتامسىلەر؟ ئى ئىنسان بالىلىرى، ئادىل ھۆكۈم چىقىرامسىلەر؟ 1
ياق، سىلەر كۆڭلۈڭلەردە يامانلىق تەييارلايسىلەر؛ يەر يۈزىدە ئۆز قولۇڭلار بىلەن قىلىدىغان زوراۋانلىقنى ئۆلچەۋاتىسىلەر. 2
رەزىللەر ئانىسىنىڭ قورسىقىدىلا ئېزىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۇغۇلۇپلا يولدىن ئادىشىپ، يالغان سۆزلەيدۇ. 3
ئۇلارنىڭ زەھىرى يىلاننىڭ زەھىرىدۇر؛ ئۇلار ئۆز قۇلىقىنى پۈتۈك قىلغان گاس كوبرا يىلاندەك، 4
مەيلى يىلانچىلار شۇنچە چىرايلىق سېھىرلىسىمۇ، ئۇ نەي ئاۋازىغا قەتئىي قۇلاق سالمايدۇ. 5
ئى خۇدا، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى چىشلىرىنى سۇندۇرۇۋەتكەيسەن! مۇشۇ ياش شىرلارنىڭ توڭكاي چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار! 6
ئۇلار ئېقىپ كەتكەن سۇلاردەك ئۆتۈپ كەتكەي؛ ئۇلار ئوقلارنى چەنلەپ ئاتقاندا، ئوقلىرى ئۇچسىز بولۇپ كەتكەي! 7
قۇلۇلە يول ماڭغاندا ئىزى يوقىلىپ كەتكەندەك، ئۇلار يوقاپ كەتسۇن؛ ئايالنىڭ چۈشۈپ كەتكەن ھامىلىسىدەك، ئۇلار كۈن كۆرمىسۇن! 8
قازان يانتاقلارنىڭ ئىسسىقىنى سەزگۈچە، (مەيلى ئۇلار يۇمران پېتى، ياكى ئوت تۇتاشقان بولسۇن) ئۇ ئۇلارنى توزۇتىۋېتىدۇ. 9
ھەققانىي ئادەم [خۇدانىڭ] ئىنتىقامىنى كۆرگەندە خۇشال بولىدۇ؛ ئۆز ئىزلىرىنى رەزىللەرنىڭ قېنىدا يۇيىدۇ. 10
شۇڭا ئادەملەر: «دەرۋەقە، ھەققانىيلار ئۈچۈن ئىنئام باردۇر؛ دەرۋەقە يەر يۈزىدە ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى بىر خۇدا باردۇر» ــ دەيدۇ. 11

< زەبۇر 58 >