< زەبۇر 57 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى، (ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان): ــ ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، چۈنكى جېنىم سېنى پاناھىم قىلدى. مۇشۇ بالايىئاپەت ئۆتۈپ كەتكۈچە، قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن. 1
خۇداغا، يەنى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا، ئۆزۈم ئۈچۈن ھەممىنى ئورۇنلايدىغان تەڭرىگە نىدا قىلىمەن؛ 2
ئۇ ئەرشتىن ياردەم ئەۋەتىپ مېنى قۇتقۇزىدۇ؛ ماڭا قاراپ نەپسى يوغىناپ، مېنى قوغلاۋاتقانلارنى ئۇ رەسۋا قىلىدۇ؛ سېلاھ؛ خۇدا ئۆز مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتىنى ئەۋەتىدۇ! 3
جېنىم شىرلار ئارىسىدا قالدى؛ مەن نەپىسى يالقۇن كەبى بولغانلار ئارىسىدا ياتىمەن! ئادەم بالىلىرى ــ ئۇلارنىڭ چىشلىرى نەيزە-ئوقلاردۇر، ئۇلارنىڭ تىلى ــ ئۆتكۈر قىلىچتۇر! 4
ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن، شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي! 5
ئۇلار قەدەملىرىمگە تور قۇردى؛ جېنىم ئېگىلىپ كەتتى؛ ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا ئورەك كولىغانىدى، لېكىن ئۆزلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. 6
ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛ مەن مەدھىيە ناخشىلارنى ئېيتىپ، بەرھەق سېنى كۈيلەيمەن! 7
ئويغان، ئى روھىم! ئى نەغمە-سازلىرىم، ئويغان! مەن سەھەر قۇياشىنىمۇ ئويغىتىمەن! 8
مەن خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى رەب؛ ئەللەر ئارىسىدا سېنى كۈيلەيمەن! 9
چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە يەتكۈدەك ئۇلۇغدۇر؛ ھەقىقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشتى. 10
ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن، شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي! 11

< زەبۇر 57 >