< زەبۇر 56 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «خىلۋەتتىكى دۇب دەرەخلىرىدىكى پاختەك» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى (فىلىستىيلەر گات شەھىرىدە ئۇنى ئەسىرگە ئالغاندا يېزىلغان): ــ ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ نەپسى يوغىناپ مېنى قوغلىماقتا؛ كۈن بويى ئۇلار مەن بىلەن جەڭ قىلىپ مېنى باسماقتا؛ 1
مېنى كۆزلىگەن رەقىبلىرىمنىڭ نەپسى يوغىناپ كۈن بويى مېنى قوغلىماقتا؛ ماڭا ھەيۋە قىلىپ جەڭ قىلغۇچىلار ئىنتايىن كۆپتۇر! 2
مەن قورققان كۈنۈمدە، مەن ساڭا تايىنىمەن. 3
مەن سۆز-كالامىنى ئۇلۇغ دەپ مەدھىيەلەيدىغان خۇداغا، خۇداغىلا تايىنىمەن؛ مەن قورقمايمەن؛ ناھايىتى بىر ئەت ئىگىسى مېنى نېمە قىلالىسۇن؟ 4
ئۇلار كۈن بويى سۆزلىرىمنى بۇرمىلايدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئويى ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشتۇر؛ 5
ئۇلار توپ بولۇپ ئادەمنى قەستىلىشىپ، يوشۇرۇنىدۇ؛ پېيىمگە چۈشۈپ، جېنىمنى ئېلىشنى كۈتىدۇ. 6
[گۇناھ] بىلەن گۇناھنى يېپىپ قاچسا بولامدۇ؟ غەزىپىڭ بىلەن ئەللەرنى يەرگە ئۇرغايسەن، ئى خۇدا! 7
مېنىڭ سەرسانلىقلىرىمنى ئۆزۈڭ ساناپ كەلگەن؛ كۆزدىن ئاققان ياشلىرىمنى تۇلۇمۇڭغا توپلاپ ساقلىغايسەن؛ بۇلار دەپتىرىڭدە پۈتۈكلۈك ئەمەسمۇ؟ 8
شۇنىڭ بىلەن مەن ساڭا نىدا قىلغان كۈندە، دۈشمەنلىرىم چېكىنىدۇ؛ مەن شۇنى بىلدىمكى ــ خۇدا مەن تەرەپتىدۇر! 9
خۇدانى ــ ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلايمەن! پەرۋەردىگارنى ــ ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلايمەن! 10
خۇدانىلا تايانچىم قىلدىم ــ مەن قورقمايمەن، ناھايىتى شۇ بىر ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟ 11
ساڭا قىلغان ۋەدىلىرىمگە ۋاپا قىلىمەن، ئى خۇدا؛ ساڭا تەشەككۈر قۇربانلىقلىرىنى سۇنىمەن. 12
چۈنكى سەن جېنىمنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغانسەن؛ سەن پۇتلىرىمنى پۇتلىشىشتىن ساقلىمامسەن؟ شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا، تىرىكلەر تۇرىدىغان يورۇقلۇقتا ماڭىمەن. 13

< زەبۇر 56 >