< زەبۇر 55 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل»: ــ ئى خۇدا، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ تىلىكىمدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغايسەن، 1
ماڭا قۇلاق سېلىپ، جاۋاب بەرگەيسەن؛ مەن داد-پەرياد ئىچىدە كېزىپ، ئاھ-زار چېكىپ يۈرىمەن؛ 2
سەۋەبى دۈشمەننىڭ تەھدىتلىرى، رەزىللەرنىڭ زۇلۇملىرى؛ ئۇلار بېشىمغا ئاۋارىچىلىكلەرنى تۆكىدۇ؛ ئۇلار غەزەپلىنىپ ماڭا ئاداۋەت ساقلايدۇ. 3
ئىچىمدە يۈرىكىم تولغىنىپ كەتتى؛ ئۆلۈم ۋەھشەتلىرى ۋۇجۇدۇمنى قاپلىدى. 4
قورقۇنچ ۋە تىترەك بېشىمغا چۈشتى، دەھشەت مېنى چۆمكۈۋالدى. 5
مەن: ــ «كەپتەردەك قانىتىم بولسىچۇ كاشكى، ئۇچۇپ بېرىپ ئارامگاھ تاپار ئىدىم» ــ دېدىم. 6
ــ «يىراق جايلارغا قېچىپ، چۆل-باياۋانلاردا ماكانلىشار ئىدىم؛ سېلاھ. 7
بوران-چاپقۇنلاردىن، قارا قۇيۇندىن قېچىپ، پاناھگاھغا ئالدىرار ئىدىم!». 8
ئۇلارنى يۇتۇۋەتكەيسەن، ئى رەب؛ تىللىرىنى بۆلۈۋەتكەيسەن؛ چۈنكى شەھەر ئىچىدە زوراۋانلىق ھەم جېدەلخورلۇقنى كۆردۈم. 9
ئۇلار كېچە-كۈندۈز سېپىللەر ئۈستىدە غادىيىپ يۈرمەكتە؛ شەھەر ئىچىنى قاباھەت ۋە شۇملۇق قاپلىدى. 10
ھارام ئارزۇ-ھەۋەسلەر ئۇنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ، ساختىلىق ۋە ھىيلە-مىكىرلىك، كوچىلاردىن كەتمەيدۇ. 11
ئەگەر دۈشمەن مېنى مەسخىرە قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا سەۋر قىلاتتىم؛ بىراق مېنى كەمسىتىپ، ئۆزىنى ماختىغان ئادەم ماڭا ئۆچمەنلەردىن ئەمەس ئىدى؛ ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم؛ 12
لېكىن بۇنى قىلغان سەن ئىكەنلىكىڭنى ــ مېنىڭ بۇرادىرىم، سىردىشىم، ئەزىز دوستۇم بولۇپ چىقىشىڭنى ئويلىماپتىمەن! 13
خالايىققا قېتىلىپ، خۇدانىڭ ئۆيىگە ئىككىمىز بىللە ماڭغانىدۇق، ئۆزئارا شېرىن پاراڭلاردا بولغانىدۇق؛ 14
مۇشۇنداق [ساتقۇنلارنى] ئۆلۈم تۇيۇقسىز چۆچىتىۋەتسۇن! ئۇلار تەھتىساراغا تىرىك چۈشكەي! چۈنكى ئۇلارنىڭ ماكانلىرىدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا رەزىللىك تۇرماقتا. (Sheol h7585) 15
لېكىن مەن بولسام، خۇداغا نىدا قىلىمەن؛ پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزىدۇ. 16
ئەتىگىنى، ئاخشىمى ۋە چۈشتە، دەردىمنى تۆكۈپ پەرياد كۆتۈرىمەن؛ ئۇ جەزمەن سادايىمغا قۇلاق سالىدۇ. 17
ئۇ ماڭا قارشى قىلىنغان جەڭدىن مېنى ئامان قىلىدۇ؛ گەرچە كۆپ ئادەملەر مېنى قورشاۋغا ئالغان بولسىمۇ. 18
تەڭرى ــ ئەزەلدىن تەختتە ئولتۇرۇپ كەلگۈچى! [ئۇ نالەمنى] ئاڭلاپ ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ (سېلاھ) چۈنكى ئۇلاردا ھېچ ئۆزگىرىشلەر بولمىدى؛ ئۇلار خۇدادىن ھېچ قورقمايدۇ. 19
[ھېلىقى بۇرادىرىم] ئۆزى بىلەن دوست بولغانلارغا مۇشت كۆتۈردى؛ ئۆز ئەھدىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى. 20
ئاغزى سېرىق مايدىنمۇ يۇمشاق، بىراق كۆڭلى جەڭدۇر ئۇنىڭ؛ ئۇنىڭ سۆزلىرى ياغدىنمۇ سىلىق، ئەمەلىيەتتە سۇغۇرۇپ ئالغان قىلىچلاردۇر. 21
يۈكۈڭنى پەرۋەردىگارغا تاشلاپ قوي، ئۇ سېنى يۆلەيدۇ؛ ئۇ ھەققانىيلارنى ھەرگىز تەۋرەتمەيدۇ. 22
بىراق، سەن خۇدا ئاشۇ رەزىللەرنى ھالاكەت ھاڭىغا چۈشۈرىسەن؛ قانخورلار ۋە ھىيلىگەرلەر ئۆمرىنىڭ يېرىمىنىمۇ كۆرمەيدۇ؛ بىراق مەن بولسام، ساڭا تايىنىمەن. 23

< زەبۇر 55 >