نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل» (زىف شەھىرىدىكىلەر سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت بىزنىڭ مۇشۇ يۇرتىمىزغا مۆكۈۋالغان، سىلى بىلمەمدىلا؟» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان): ئى خۇدا، ئۆز نامىڭ بىلەن مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ زور قۇدرىتىڭ بىلەن دەۋايىمنى سورىغايسەن. | 1 |
למנצח בנגינת משכיל לדוד בבוא הזיפים ויאמרו לשאול הלא דוד מסתתר עמנו אלהים בשמך הושיעני ובגבורתך תדינני׃ |
ئى خۇدا، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ ئاغزىمدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سالغايسەن. | 2 |
אלהים שמע תפלתי האזינה לאמרי פי׃ |
چۈنكى يات ئادەملەر ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا ئورنىدىن تۇردى؛ زومىگەرلەر مېنىڭ جېنىمنى ئوۋلىماقتا؛ ئۇلار خۇدانى نەزىرىگە ھېچ ئىلمايدۇ. سېلاھ. | 3 |
כי זרים קמו עלי ועריצים בקשו נפשי לא שמו אלהים לנגדם סלה׃ |
قارا، خۇدا ماڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر؛ رەب جېنىمنى يۆلەيدىغانلار ئارىسىدىدۇر. سېلاھ. | 4 |
הנה אלהים עזר לי אדני בסמכי נפשי׃ |
ئۇ دۈشمەنلىرىمنىڭ يامانلىقىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ؛ [ئى خۇدا]، ئۆز ھەقىقىتىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلىغايسەن. | 5 |
ישוב הרע לשררי באמתך הצמיתם׃ |
مەن ساڭا خالىس قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛ نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ شۇنداق قىلىش ئەلادۇر. | 6 |
בנדבה אזבחה לך אודה שמך יהוה כי טוב׃ |
چۈنكى ئۇ مېنى بارلىق بالا-قازالاردىن قۇتقۇزدى؛ دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆردۈم. | 7 |
כי מכל צרה הצילני ובאיבי ראתה עיני׃ |