< زەبۇر 53 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، ماخالات ئاھاڭىدا داۋۇت يازغان «ماسقىل»: ئەخمەق كىشى كۆڭلىدە: «ھېچبىر خۇدا يوق» ــ دەيدۇ. ئۇلار چىرىكلىشىپ، نەپرەتلىك قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتى؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر. 1
خۇدا ئەرشتە تۇرۇپ، ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ: «بۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا، ئىنساپنى چۈشىنىدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟ خۇدانى ئىزدەيدىغانلار بارمىدۇ؟ 2
ھەممە ئادەم يولدىن چىقتى، ھەممە ئادەم چىرىكلىشىپ كەتتى، مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر، ھەتتا بىرىمۇ. 3
ناننى يېگەندەك مېنىڭ خەلقىمنى يۇتۇۋالغان، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىلىمى يوقمىدۇ؟» ــ دەيدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھېچبىر ئىلتىجا قىلمايدۇ. 4
قورققۇدەك ھېچ ئىش بولمىسىمۇ، مانا ئۇلارنى غايەت زور قورقۇنچ باستى؛ چۈنكى خۇدا سېنى قورشاۋغا ئالغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى پارچىلاپ چېچىۋەتتى؛ سەن ئۇلارنى خىجىللىققا قويدۇڭ؛ چۈنكى خۇدا ئۇلارنى نەزىرىدىن ساقىت قىلدى. 5
ئاھ، ئىسرائىلنىڭ نىجاتلىقى زىئوندىن چىقىپ كەلگەن بولسا ئىدى! خۇدا ئۆز خەلقىنى ئاسارىتىدىن چىقىرىپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن چاغدا، ياقۇپ شادلىنىدۇ، ئىسرائىل خۇشال بولىدۇ! 6

< زەبۇر 53 >